شى جىنپىڭ «يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» ئەزالىرى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازدى

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى «يەر شارى ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» ئەزالىرى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە جۇڭگودا داۋاملىق يىلتىز تارتىش ۋەدىسىگە ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەكلىپ بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرگىنى يوق ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. بىز ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ مۇكەممەل سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى پۇرسەت، يېڭى ئىستىقبال ئاچىمىز. سىلەرنىڭ جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىشىڭلار توغرا تاللاشتۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى، ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش − ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى» دۇنيادىكى كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشچانلىققا ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە دۆلەت ھالقىغان 39 شىركەتتىن تەركىب تاپقان. يېقىندا كومىتېتتىكى 18 نەپەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلار بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىشىنى تېز سۈرئەتتە تېزگىنلەپ ھەمدە باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەر شارىۋى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلىدى. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىشتۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» ھەققىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى ۋە «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش» سىياسىتى ۋە ئىرادىسى ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە جۇڭگودا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئۇلار يەنە كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.