شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2020年07月07日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋىدېيو ئارقىلىق ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018-يىلى مەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدىم، بۇ ئەرەب ئەللىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ھەرىكەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، يېقىندىن ھەمكارلاشتى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى تېخىمۇ زۆرۈر. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.