شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ئوپچە مەشىقى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

日期:2020年06月19日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ئوپچە مەشىقى يېقىندا تېلېۋىزىيەلىك يىغىن سىستېمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ئوپچە مەشىقىنى ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى كۈچەپ يېڭىلاپ، ئىستراتېگىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە 14- بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى چوڭ ئورۇنلىرى ئوپچە مەشىق نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا ۋە جاڭ شېڭمىنلار ئوپچە مەشىق پائالىيىتىگە قاتناشتى. ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى چوڭ ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە شۆبە يىغىن مەيدانىدا مەشىققە قاتناشتى.