شى جىنپىڭ ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى مورېنو بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇن كەچتە ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى مورېنو بىلەن تېلېفونلاشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېكۋاتوردا يامرىدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ئېكۋاتور ھۆكۈمىتى دەرھال جۇڭگوغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ياردەم قىلدى. ئېكۋاتوردا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، يەرلىك، كارخانا، ئەلئارا تەشكىلات قاتارلىقلار تېزدىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، جۇڭگو-ئېكۋاتور ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا قوللاپ ياردەم بېرىشتەك دوستلۇق ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتورنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىقاتى، دورا ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

 ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، ئېكۋاتور چوقۇم يۇقۇمنى تېزدىن يېڭىپ، ياخشى تەرەققىيات يولىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. ئېكۋاتور تەرەپنىڭ ئېكۋاتوردىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.