بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش كېرەك

日期:2020年04月25日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقان پېشقەدەم ئالىملارغا جاۋاب خەت يېزىپ مۇنداق تەكىتلىدى

بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش كېرەك

جاۋاب خەت

سۈن جيادۇڭ، ۋاڭ شىجى قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار:

ياخشىمۇسىلەر، يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپتىم. «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقۇچىلار سۈپىتىدە، سىلەرنىڭ ياشلىق باھارىڭلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلىقىڭلار، 90 - 80 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە رىشتە باغلىغانلىقىڭلار مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

50 يىل ئىلگىرى، «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، مەن شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخېدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدىم. ئەينى يىلى، سىلەر قۇدرەت تېپىشقا بەلنى مەھكەم باغلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پەخىرلەندۈرىدىغان قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا باسىدىغان ئۇلۇغ روھىنى نامايان قىلدىڭلار. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ تۆھپىسى يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخ بېتىگە مەھكەم ئويۇلدى. شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ يىراققا ئاتلىتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

سىلەرگە سالامەتلىك، ئۇزاق ئۆمۈر، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت تىلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى5 - قېتىملىق «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» ۋە «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقان پېشقەدەم ئالىملارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا كەڭ ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقۇچىلار سۈپىتىدە، سىلەرنىڭ ياشلىق باھارىڭلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلىقىڭلار، 90 - 80 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە رىشتە باغلىغانلىقىڭلار مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 50 يىل ئىلگىرى، «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، مەن شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخېدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدىم. ئەينى يىلى، سىلەر قۇدرەت تېپىشقا بەلنى مەھكەم باغلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پەخىرلەندۈرىدىغان قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا باسىدىغان ئۇلۇغ روھىنى نامايان قىلدىڭلار. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ تۆھپىسى يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخ بېتىگە مەھكەم ئويۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ يىراققا ئاتلىتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

1970 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان كەڭ خادىملارنىڭ كۆپ يىل بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشى، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، روھقا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋاب سېلىشى بىلەن، 2016 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى. يېقىندا، سۈن جيادۇڭ، ۋاڭ شىجى، چى فارېن، خۇ شىشياڭ، پەن خوۋرېن، خۇ چىجېڭ، پېڭ چېڭرۇڭ، جاڭ فۇتيەن، چېن شوۋچۇن، خەن خوۋجيەن، فاڭ شىنخۇ قاتارلىق «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقان 11 پېشقەدەم ئالىم باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.