مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ ئارمىيەدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان بارلىق خادىملارنى تەقدىرلىدى

日期:2020年04月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئارمىيەدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان بارلىق خادىملارنى تەقدىرلىدى.

تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، بۇيرۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇيرۇق بېرىلگەن ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ۋەزىپە قىسمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاۋانگارت ئەترەت، زەربىدار ئەترەت بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا كۈرەش قىلىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى. كەڭ تېببىي خادىملار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قەتئىي تەۋرەنمەي، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلدى، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. پەن تەتقىقات خادىملىرى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئارمىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى. تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، توشۇش - يەتكۈزۈش، بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئاگاھلاندۇرۇش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كاپالىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان خادىملار كېچە - كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتماي، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىنى بەرپا قىلدى.

تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن بىر مەيدان چوڭ جەڭ ۋە چوڭ سىناق بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان بارلىق خادىملار قەتئىي ئېتىقاد، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار، قەيسەر ئىستىل، قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. بارلىق خادىملار ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا، دېگەندە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىنى نامايان قىلدى؛ ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ياخشى قوغداپ، ئارمىيەمىزنىڭ جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارىنى تاۋلىدى؛ باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنى بۇيرۇق، دەپ قاراپ، چاقىرغان ھامان كېلىپ، كەلگەن ھامان جەڭ قىلىپ، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلىپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارمىيەمىزنىڭ قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قورقماس ئىنقىلابىي روھىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈردى.

تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان بارلىق خادىملاردىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ جەڭگە تەييارلىق كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!