شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年04月09日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگودا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «يولداش قوشۇلغان قېرىنداش» بىز ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى، داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى چياۋمىنلىرىنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قوللاشقا ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ھەمدە قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ھەم ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى تۈركۈم بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى تەرەپ مۇتەخەسسىسلىرى كۆپ قېتىم سىن ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى، يەرلىك، ئەلئارا ئاپپاراتلارمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى مەدىتى بىلەن پائال تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، ئافرىقا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئاممىۋى سەھىيە ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقا ۋە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

رامافۇسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئافرىقىنى تۈرلۈك قوللاش بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى قىيىن پەيتتە جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىزنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. جەنۇبىي ئافرىقا داۋاملىق جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قوللاپ، جەنۇبىي ئافرىقا - جۇڭگو ۋە ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامرىدى، تۈركىيەمۇ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. جاپالىق، ئاجايىپ تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ئەمدىلا ئەڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. بىز داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئىمكانقەدەر كۆپ ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپكە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر قىسىم ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بەردى ھەم ئىككى دۆلەت داۋالاش - سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى سىن ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندى. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن داۋاملىق تۈردە تۈركىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ھەم تۈركىيە تەرەپنىڭ جۇڭگودا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىشنى ۋە ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيەنىڭ چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، ئىرق ئايرىمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن جەڭدە غەلىبە قىلالايدۇ. جۇڭگو - تۈركىيە ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق ئۇرۇش. جۇڭگو خەلقى باتۇرانە تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيا ئۈچۈن داۋالاش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ۋە تەمىنلەپ، دۇنيانى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. تۈركىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا قوللىشى، بىر - بىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈركىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا ھەم تۈركىيە تەرەپنىڭ جۇڭگودا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت. تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە، خەلقىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.