سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2020年04月04日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى جيۇگۇڭ بازىرىغا كېلىپ پايتەختتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋۇ جىڭ، ياڭ يىجۈن) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان پەيتتە، بىز بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىپ، ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ھەم تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتنى ئاسرايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى يېشىللىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، تىرىشىپ تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

ھاۋا ئېچىلىپ، ھەممە يەر باھار تۈسىگە كىرگەندە، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ياخشى مەزگىلى يېتىپ كەلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى جيۇگۇڭ بازىرىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىللە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بۇ كۆلىمى تەخمىنەن 320 مو كېلىدىغان كەڭ كەتكەن يەر بولۇپ، ئەسلىدە كىچىك تىپتىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى توپلاشقان سانائەت چوڭ ھويلىسى ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېقىپ - كۆچۈرۈپ بوشىتىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ئارقىلىق، بۇ يەردە ئۆسۈملۈك مەنزىرىسى ئاساس قىلىنغان شەھەر ئورمان باغچىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش پىلانلىنىۋېتىپتۇ.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى. بۇ يەردە كۆچەت تىكىۋاتقان كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارقىدىن بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

گۈرجەكتە توپا ئۇسۇش، كۆچەتكە توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكېلىپ سۇغىرىش... شى جىنپىڭ كەينى - كەينىدىن يوۋسۇڭ، گوخۇەي، شىڭمېي، يۈەنباۋفېڭ، شىفۇخەيتاڭ، جىنيىنمۇ، خۇڭرۈيمۇ كۆچەتلىرىنى تىكتى. ئىللىق باھار شامىلىدا، رەت - رەت كۆچەتلەر گىرەلىشىپ، چىرايلىق چېچەكلەر شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، يېڭى چىققان يوپۇرماقلار ئىنتايىن پاكىز كۆرۈنەتتى. كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. ئەمگەككە قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە توپا يۆلىدى، سۇغاردى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

كۆچەت تىكىش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ئەزەلدىن تارتىپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىدىغان ئېسىل ئادەت بار. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتۇق. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى «بەشنى بىرگەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى، يېشىللىقنى سۆيۈش، يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ھازىر دۇنيادا ئاكتىپ، كەڭ تەسىر پەيدا قىلماقتا. بىز پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇمىي خەلق قول سېلىپ ئىشلەش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئورمان بايلىقىنىڭ ئۇدا ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇملىشىپ كەتكەن، چۆللىشىپ كەتكەن يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، يەر شارىۋى ئېكولوگىيەنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سوتسىيالىزم خەلق ئاممىسى خوجايىن بولۇش دېگەنلىكتۇر، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق بايلىقى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئاجايىپ - غارايىپ گۈل - گىياھ، قىممەتلىك دەل - دەرەخلەرنى قوغلىشىشقا بېرىلىپ كەتمەي، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن كۆچەت تىكىش، ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشىشىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى قانات يايدۇرۇش دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئورمانلارنى قوغداش يېشىغا يەتكەن ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك قانۇنىي مەجبۇرىيىتى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم قول سېلىپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش، ھازىردىن باشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، بىرلىكتە ۋەتىنىمىز زېمىنىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشكە بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: مەھەللىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور، نۆۋەتتىكى ۋەزىپە يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل. ھازىر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېزلىتىلدى، لېكىن يەنىلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، تارقىلىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار مەھەللىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.