ئىختىساسلىقلار تۆۋەنگە چۆكۈش، پەن - تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2019年10月23日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىختىساسلىقلار تۆۋەنگە چۆكۈش، پەن - تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئىختىساسلىقلار تۆۋەنگە چۆكۈش، پەن - تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قوشۇن ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەترەتكە، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى تارقاتقۇچىغا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەركىسىگە، يېزا - كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشتىكى باشلامچىغا ئايلىنىپ، كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى. پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. كەڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋردە پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. 20 يىلدىن بۇيان، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە نىشانى قىلىش، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بەلباغ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى دەۋردە پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە سىياسەت مۇھىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى قوشۇنىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغىچە كېڭەيتىش كېرەك.

يىغىندا 92 پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى ۋە 43 تەشكىللەپ يولغا قويغان ئورۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەندى. جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نەنپىڭ شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى ۋە پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەنگەن قىسمەن پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى ۋە تەشكىللەپ يولغا قويغان ئورۇنلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.