导航切换

شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن

日期:2025年03月31日
来源:天山网
【字体:

كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت مەكتىپى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دياۋ پېڭ بىلەن پاراڭلىشىش بىر كۆڭۈللۈك جەريان. ئۇنىڭ ئىپادىلىشى ئاددىي، سەمىمىي، بايان قىلىشى جانلىق بولۇپ، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك. «سىز ھېكايە سۆزلەش ماھىرى ئىكەنسىز» دېدىم ئۇنىڭغا باھا بېرىپ. «ئەمەلىيەتتە مەن ئىلگىرى كەمسۆز ئىدىم.» دياۋ پېڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، ئۇزاق مۇددەت مەشىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

29 ياشلىق دياۋ پېڭ سەنشىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا كىچىكىدىن تارتىپلا «ئوغۇل بالا دېگەن سۆزدە ئېھتىياتچان، ھەرىكىتىدە چەبدەس بولۇشى كېرەك» دەپ تەربىيە بەرگەن بولغاچقا، ئۇ ئىچ مىجەز، تەمكىن خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنىدى. 2018 - يىلى 6 - ئايدا، دياۋ پېڭ سەنشى سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، ئەينى چاغدا بىر كارخانا ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلماقچى بولغان، مەكتەپمۇ ئۇنىڭغا مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇش تەكلىپىنى بەرگەنىدى، ئەمما ئۇ شىنجاڭغا بېرىشنى تاللىدى.

«ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن ئىلگىرى غەربىي قىسىم پىلانىدىكى مۇنەۋۋەر پىدائىيلار مەكتەپكە كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەندە، مەن تەسىرلىك ھېكايىلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، شۇنىڭ بىلەن غەربىي قىسىمغا بېرىشنى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىشنى قارار قىلدىم.» دياۋ پېڭ مۇنداق دېدى: شۇ يىلى 11 - ئايدا، كۇچا ناھىيەسى (ھازىرقى كۇچا شەھىرى)نىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولدۇم، خىزمەت ۋەزىپىلىرىمنىڭ بىرى تەشۋىق قىلىش ئىدى.

شىنجاڭغا دەسلەپتە كەلگەندە، ئۇ نۇرغۇنلىغان تۇنجى قېتىملارنى باشتىن كەچۈردى − تاتلىق قۇم تاۋۇز، سائەت 22دىكى قۇياش، يۇرتداشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن سۇنغان ئىللىق قوللىرى... ئۇ شىنجاڭنى چۈشىنىشكە باشلىدى، ئۈزۈم، كاۋاپ، چوڭ نان، «ئاداش»، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردى، ئۇ مۇنداق دېدى: قاراڭ! بۇ دەل گۈزەل شىنجاڭ، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان، ياشاۋاتقان جاي.

«قانداق قىلغاندا ياخشى تەشۋىق قىلغىلى بولىدۇ، مېنىڭچە، ئەتراپىمىزدىكى ھەقىقىي ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك.» دياۋ پېڭنىڭ بۇ تەسىراتى ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپتە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن كەلگەن. كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى، تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ھەمىشە ھەر خىل ئەنسىرەشلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. «مەن ئات مىنمەيمەن، شەھەردىمۇ ئوخشاشلا ئاپتوموبىللار توسۇلۇپ قالىدۇ؛ قۇم - بوران ئۇنچە ئېغىر ئەمەس؛ ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىمىساقمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ، شىنجاڭ ئەڭ بىخەتەر.» ئۇ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە بىر - بىرلەپ ئېيتتى ھەم كۆپچىلىكنى نەق مەيداننى كۆرۈپ بېقىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

ھېكايە سۆزلەش يەنە دياۋ پېڭنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىشلىشىدىكى تۇتقىغا ئايلاندى. ئاساسىي قاتلامدا ئۇ سەھەر سائەت 5تىكى يېزا - كەنتلەرنى كۆردى، ئامما ئېيتقان ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى ئاڭلىدى، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقى، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى، ئۇنى ئىپتىخارلاندۇرغان، پەخىرلەندۈرگەن بۇ ئىشلار دەل ئۇ سۆزلىمەكچى بولغان ھېكايىلەردۇر.

«يېزىمىزدا بىر ئائىلىلىك بار، ئۇلار ئاق ئۆرۈك ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئاپتوموبىلى بار بولدى.» دياۋ پېڭ ئايال ئۆي ئىگىسى يازغان كۈندىلىك خاتىرىدىن جاۋاب تاپتى، بۇ ئائىلىدىكىلەر تۇرالغۇ، داۋالىنىش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولغان، بۇنىڭغا تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلانغان. بۇ ئائىلە كىشىلىرىدىكى ئۆزگىرىش دەل دياۋ پېڭ يۇرتداشلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە قوللىنىدىغان رېئال ھېكايىدۇر.

ئارا مەھەللە كەنتىدە بىر يىگىت بار بولۇپ، ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆيدە بىكار ئىدى، تورغا چىقىش ۋە ھاراق ئىچىشكە ئامراق ئىدى. ئاتا - ئانىسى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۇنى كۆرسىلا ئىچى سىيرىلاتتى ھەم تىت - تىت بولاتتى. دياۋ پېڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يىگىتكە ئالايىتەن يېزىدىكى بېيىش باشلامچىسى بۇخەلچەم سەمەتنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 40 نەچچە ئاممىنى يېتەكلەپ ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى يىگىتنى تەسىرلەندۈردى، «مەن ياشلىق باھارىمنى ئىسراپ قىلىۋەتسەم بولمايدۇ، مەن خىزمەت قىلىمەن».

دياۋ پېڭ يېزىدىكى تەسىرلىك، جانلىق ھېكايىلەرنى ئۆزى يازغان «مېنىڭ شىنجاڭدىكى كۈندىلىك خاتىرەم»گە كىرگۈزدى، سۆز - ئىبارىلەرگە ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئىجاد قىلغان، ئىشلىگەن «3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى سۆزلەش» ناملىق بىر مىنۇت 20 سېكۇنتلۇق قىسقا سىن يۇرتداشلار ئارىسىدا تېزلىكتە تارقالدى، ئۇمۇ «ۋاڭخۇڭ»غا ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دياۋ پېڭنىڭ ھېكايە سۆزلەش سۇپىسى بارغانسېرى زورىيىپ، دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى. ئۇ 2023 - يىللىق مەملىكەت بويىچە «مەن جۇڭخۇانى قۇدرەت تاپتۇرىمەن، بىز ياشلار ئالدىدا ماڭىمىز» يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇپ باھالاندى ھەم بېيجىڭغا بېرىپ ياشلىقىدىكى كۈرەش قىلىش ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلەشكە تەكلىپ قىلىندى.

«يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن، ئاجايىپ ئاقسۇ كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ھەم كۆپچىلىكنى سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.» 2024 - يىلى، ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ماسلىشىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدىكى يولغا چىقىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارغا كۇچانىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى بايان قىلدى، ئۇلارنى قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

شىنجاڭغا كەلگەن ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، دياۋ پېڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئاللىقاچان تېخىمۇ زىچ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. 2024 - يىلى 3 - ئايدا كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت مەكتىپى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن بۇيان، ئۇ يەنىلا قىزغىنلىق بىلەن چىن، جانلىق بولغان شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىككىنچى يۇرتىغا تۆھپە قوشماقتا.