2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خاسانئال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارشاۋ يىبو، دۇڭ شۆ) 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېينىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ماسلىشىشنى ساقلاپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن بىرۇنېينىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى دەۋرنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي بولۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان مەڭگۈلۈك ياخشى قوشنا، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېي تەرەپ بىلەن دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرۇنېينىڭ «2035 ـ يىل ئۇلۇغۋار ئارزۇسى» بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، گۇاڭشى ـ بىرۇنېي ئىقتىساد كارىدورى، خېڭيى نېفىت ـ خىمىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى بايراقدار تۈرنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى شەرقىي قىسىم ئېشىش رايونى ۋە «قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى» قوش تۈگۈنى بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ بىرۇنېيغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، بىرۇنېينىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرۇنېي تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ شالغۇت شال تەتقىقاتى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، بىرۇنېي تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىك، تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.
خاسانئال رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. خاسانئال مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ سىجىل، تېز ئېشىشىنى ساقلاپ، نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ، قالتىس مۇۋەپپەقىيەت. جۇڭگو ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. بىرۇنېي بىلەن جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر ـ بىرىگە ئىشىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىرۇنېي ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى. جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرۇنېينىڭ ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى بىرۇنېي خەلقىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. بىرۇنېي تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو ـ بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئىقتىساد ـ سودا، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا خاسانئال ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە بىرۇنېي ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. خاسانئال شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا خاسانئال ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.