导航切换

شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年12月22日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاۋمېن، 12 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، جاڭ يەن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرى، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش كوللېكتىپى ياش، قابىل، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ياخشى روھىي قىياپىتى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ قەسىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، دۆلەتكە مەسئۇل بولۇپ، ئاۋمېنغا مەسئۇل بولۇپ، دۆلەتكە يۈز كېلەلەيدىغان، ئاۋمېنغا يۈز كېلەلەيدىغان، ئۆزىگە يۈز كېلەلەيدىغان يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئومۇملۇق قارىشى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئاۋمېننىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئاۋمېننىڭ تىنچ، ئىناق ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باش مەمۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ساھە ھالقىغان، تارماق ھالقىغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، پاك ـ دۇرۇس بولۇشنى ساقلاپ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، قولىدىكى ھوقۇقنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئادىل ئەمەلدار، پاك ئەمەلدار، ياخشى ئەمەلدار بولۇش كېرەك.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇيمۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.