شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاۋمېن، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، جاۋ بو) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر خې يىچېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاۋمېننىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، نەتىجىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان. مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى بىلەن، ئاۋمېن ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېن ئەمەلىيىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئىشلار ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان. كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۈچەپ ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئاۋمېن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىنتىزام قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش مەمۇر سېن خاۋخۇيمۇ ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاۋمېن، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، جاۋ بو) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە ۋەكىل زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاۋمېندا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە مەركەزنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئاپپاراتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇر سېن خاۋخۇي، ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇر سۈي شىئەنمۇ ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.