导航切换

شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

日期:2024年12月21日
来源:天山网
【字体:


12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاۋمېن، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ليۇ گاڭ، جاۋ بو) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىل ئاۋمېن تارىخىدىكى ناھايىتى ئالاھىدە بەش يىل بولدى، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمىنىڭ كەسكىن سىنىقى ئالدىدا، 5 - نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىدى، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئاۋمېن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ زىياپەت زالى خۇشال - خۇرام، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. سائەت 18لەردە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ ۋە رەپىقىسى جېڭ سۇجېننىڭ ھەمراھلىقىدا زالغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قىزغىن كەيپىياتتا سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بارلىق ئاۋمېن ئاھالىسى ۋە ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، قوللىغان خەلقئارادىكى دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈشنىڭ سىياسىي، جەمئىيەت ئاساسى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ بەش يىلدا ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولدى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتەننىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن بولدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال قاتناشقانلىقىدىن بولدى، بۇلارنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن، ۋۇجۇدقا چىقارغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېن «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، خېلى بۇرۇنلا پۇختا تەرەققىيات ئاساسىنى سالغان، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىغا تايىنىپ، تېخىمۇ ئېگىز ئۇچۇش، تېخىمۇ يىراققا مېڭىش، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تامامەن شارائىتى ۋە ئىقتىدارى بار.

شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھەممىنى سىغدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە كىرگۈزۈپ، گۈزەل ئاۋمېننى ئورتاق گۈللەندۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور جاسارەتنى نامايان قىلىپ، باتۇرۇلق بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغاچقا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى چوقۇم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

خې يىچېڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىگە 25 يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا يەنە بىر قېتىم كەلدى، بۇ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۈچۈن چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش ۋە كاتتا ئىش. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈشى، سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇردى. ئاۋمېن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، 6 - نۆۋەتلىك باش مەمۇر سېن خاۋخۇي ئەپەندى مۇقەررەر ھالدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى يېتەكلەپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

سەي چى، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي، ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش مەمۇر سۈي شىئەن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلار، ئاۋمېننىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتارلىقلارمۇ كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.