شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
«مەن سېرىق تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈردۈم، قىزىل تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەرەققىي قىلدىم».
يېزىدىكى چوڭ ئەترەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىدىن پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولۇشقىچە، شى جىنپىڭ بۇ تۇپراقنى ئىزچىل قىزغىن سۆيدى، چوڭقۇر سۆيدى، ئەبەدىي سۆيدى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، گۈللىنىشكە ئاتلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ يېتەكلىشىدە، بىپايان تۇپراق كۈنسايىن يېڭىلاندى، جۇڭگو يېزىلىرىدا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.
( 1 )
2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى جيايۈ ناھىيەسىنىڭ پەنجياۋەن بازىرى.
كۆكتاتلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىغا مېڭىپ قولىنى سۇندى. كۆكتاتچى دېھقان يې شياڭسۇڭ ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.
دېھقانلارنى چۈشىنىدۇ، دېھقانچىلىققا دائىر ماقال - تەمسىللەرنى پىششىق بىلىدۇ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئوبدان قىلالايدۇ، يېزىلارنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار، كەڭ يېزىلاردا ۋە كەڭ دېھقانلار ئارىسىدا خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك، چىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلەردە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىراتى.
2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجوۋ رايونىنىڭ لۇچېڭ بازىرىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىيەت كۆچەت تىكىشكە قاتناشتى.
ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، باش شۇجى تىشاڭنى كۆتۈرۈپ كۆچەت تىكىش ئورنىغا قاراپ ماڭدى.
1989 - يىلى، ئەينى چاغدا نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ ئوتىغۇچنى مۇشۇنداق كۆتۈرۈپ، ئېتىزدا ئامما بىلەن بىللە ئەمگەك قىلغانىدى.
1984 - يىلى، بىر مۇخبىرنىڭ نەزەرىدە جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق ئىدى − «ھەم ئامبال بېگىمنىڭ <ھاكاۋۇر>لۇقى يوق، ھەم داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ <تەكەببۇر>لۇقى يوق»، «ھەقىقەتەن سەل ئاددىي - ساددا».
بۇنداق «ئاددىي - ساددىلىق» ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدىغان چوڭقۇر يېزا رىشتىدىن كەلگەن − «مەن سېرىق تۇپراقنىڭ ئوغلى».
شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخېغا بېرىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە تۇرغان يەتتە يىلدا، زىيالىي ياش شى جىنپىڭ ھەممە ئىشنى دېگۈدەك قىلىپ باققان، ھەممە جاپانى دېگۈدەك تارتىپ باققانىدى.
چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇ چاغدا مەن يۇرتداشلار بىلەن بىللە گەمىدە تۇرغان، كاڭدا ئۇخلىغان» دەپ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى؛ ئېتىز باشلىرىدا، باش شۇجى يۇرتداشلارغا دائىم «بىز ھەممىمىز دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان» دەيتتى.
2015 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭجياخېغا قايتا بېرىپ يۇرتداشلارنى يوقلىدى.
«يىڭئېر سىز ياشىنىپ قاپسىز» «سۈي ۋائېر مەن ئېسىڭىزدە بارمۇ؟»... ئايرىلغىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، باش شۇجى ھېلىھەم ئەينى يىللاردىكى تەڭتۇشلىرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىنى يېقىملىق چاقىرالىدى. باش شۇجى لياڭجياخېدىكى بىر بۆلەك تاغ يولىدا توختاپ، سېرىق تۇپراققا نەزەر سالدى.
بۇ زېمىندىن يېتىلىپ چىققان ئۆزگىچە مەدەنىيەت بىزنىڭ ئىشەنچ مەنبەيىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى پەخىرلەنگەن ھالدا: «دۆلىتىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ دۆلەت قۇرۇلغان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شانلىق تېرىم مەدەنىيلىكى يارىتىلىپ، ئۇزاق مەزگىل دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان» دېگەنىدى.
گىرەلىشىپ ئارىلىشىپ كەتكەن تارىخ تالالىرى ئىچىدىن، باش شۇجى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى زىچ باغلاپ تۇرغان يىپ ئۇچىنى تېپىپ چىقتى.
تارىخىي ئۆرنەك ھېكايىلەر شۇنى جانلىق بايان قىلىدۇكى، «يېزا ئىگىلىكى بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ، ئاشلىق بولمىسا مالىمانچىلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە تەكرارلىنىپ كەلمەكتە. تارىختا، چى بەگلىكى لۇ بەگلىكىنى ئاشلىق تېرىشنى تاشلاپ ئۈجمە ئۆستۈرۈشكە قىزىقتۇرغان، ئاندىن ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاشلىق تەمىناتىنى ئۈزۈپ لۇ بەگلىكىنى بويسۇندۇرغان؛ يۆ بېگى گۇ جيەن ۋۇ بەگلىكىگە پىشۇرۇلغان ئۇرۇقلۇق ئاشلىقنى ئولپان قىلىپ تاپشۇرغان، ئاندىن ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋۇ بەگلىكىنى بىراقلا يوقاتقان».
دېھقانلارغا ئىچ ئاغرىتىش، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش... بۇلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات جۇغلانمىسى ۋە چوڭقۇر تارىخىي لوگىكا قارىشى يۇغۇرۇلغان.
جۇڭگوغا خاس بولغان دېھقانچىلىق مەۋسۇمىدىن تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە دەپ قارايدىغان ئېكولوگىيە ئېتېكىسىغىچە؛ ھەرقايسىسى ئۆز خاسلىقىغا ئىگە ھويلا ۋە كەنتلەردىن گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يېزا ئىگىلىك مەنزىرىسىگىچە؛ يېزا تۈسى قويۇق بايراملىق پائالىيەتلەردىن مول مەزمۇنلۇق خەلق ئىچى سەنئىتىگىچە... بۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىدە «ھەممىسىگە خۇاشيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن گېن شىفىرى مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىدىيە ئەقىل - پاراسىتى ۋە مەنىۋى ئىنتىلىشىنى نامايان قىلغان».
ۋۇيىشەندىكى جيۇچۈشى ئېقىنى بويىغا جايلاشقان جۇ شى باغچىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆينىڭ تېمىغا جۇزىنىڭ «دۆلەت خەلقنى ئاساس قىلىدۇ، ھاكىمىيەتمۇ خەلق ئۈچۈن تىكلىنىدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى يېزىلغانىدى.
2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە زەن سېلىپ كۆردى.
يەر تېرىلغۇ ئېتىز دېمەكتۇر، ئاشلىق دانلىق زىرائەت دېمەكتۇر. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تىل مۇھىتىدا، يەر بىلەن ئاشلىق دۆلەتنىڭ سىمۋولى.
دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخىدا دېھقانلار بىلەن يەر ئىنتايىن زور سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن.
«ئارمىيەمىزنىڭ نامى ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابى ئارمىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ، بايرىقىغا ئورغاق بىلەن پالتا چۈشۈرۈلگەن.» دېھقانلارنىڭ ئەمگەك قوراللىرى سىمۋوللۇق بەلگە بولۇش سۈپىتىدە، بۇرۇنلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بايرىقىدىن ئورۇن ئالغان.
«دېھقانلار جۇڭگو پىرولېتارىيات سىنىپىنىڭ ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى» «كىم دېھقانلارنى مايىل قىلسا، شۇ جۇڭگوغا ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ، كىم يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، شۇ دېھقانلارنى مايىل قىلالايدۇ.»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى بۇ خىل ھۆكۈمنى ئەسلەپ ئۆتكەنىدى.
بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئوزۇقلاندۇرغان يەر، جاپاغا چىداپ ئىشلىگەن دېھقانلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ: «پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە دېھقانلارغا تايىنىش، يۈزمىليونلىغان دېھقانلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى مۇھىم بۇرچى قىلىپ كەلدى».
«پەقەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.» يېزا مۇھەببىتىگە شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە بولغان سەمىمىي ساداقىتى مۇجەسسەملەنگەن.
( 2 )
«يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى پۇختا بولسا، تەرەققىيات ئىشەنچى يېتەرلىك بولىدۇ»، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنى بېقىش كېرەك، بۇ، جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى.
2021 - يىلى 9 - ئايدا، شەنشى يۈلىن شەھىرىنىڭ مىجى ناھىيەسى گاۋشىگوۋ كەنتىدىكى بىر ئېتىز بويىدىن ئۆتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق توختاتقۇزۇپ، ئېتىزلىققا كىرىپ، ئىشلەۋاتقان يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلاشتى.
بۈگۈنكى تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، يۇرتداشلار باش شۇجىغا: «كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، ھازىر ئاق ئۇن، گۈرۈچ، گۆشنىڭ ھەممىسىنى يېيەلەيمىز» دېدى.
«ھازىر ئاق ئۇن ۋە چوشقا گۆشى كەم ئەمەس ئىكەن، يەنە تېخى بەزىدە بەش خىل دانلىق زىرائەت ياقتۇرۇپ يېيىلىدىكەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىمالىي شەنشىدىكى يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلەتتى، «قاتتىق تېرىقتا سېرىق گۈرۈچ مومىسى، يۇمشاق تېرىقتا يوۋخۇلەن، يوۋگاۋ ئېتىلىدۇ».
ئەينى يىلى لياڭجياخېدا، شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، قايما توسما، پەلەمپەي ئېتىز ياسىغان، ھەربىر سۇڭ تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتىشمۇ ئىنتايىن تەسكە توختىغان، شۇڭا يەرنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.
2020 - يىلى 7 - ئاي، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لىشۇ ناھىيەسى. پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، باش شۇجى شى جىنپىڭ قوناقلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، قارا تۇپراق كەسمە يۈزىنى كۆزىتىش نۇقتىسىغا بېرىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش ئەھۋالىنى يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ كۆردى.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لى باۋگو كولانغان قارا تۇپراق قاتلىمىنىڭ كەسمە يۈزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بۇ جاينىڭ قارا تۇپراق قاتلىمى ئەسلىدە ئاز دېگەندىمۇ 60 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا بولۇشى كېرەك ئىدى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا بوز يەر ئېچىلغاندىن بۇيان، شامالدا يىمىرىلىش ۋە سۇنىڭ يالىشى قوشۇلۇپ، ھەر يىلى ئۈچ مىللىمېتىر ئەتراپىدا ئازايغان.
«بىز بۇنىڭغا ئامال تاپتۇق» لى پىروفېسسور قارا تۇپراقنى قوغداشتىكى لىشۇ ئەندىزىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
«بۇ خىزمەت ناھايىتى مۇھىم!» باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «چوقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قارا تۇپراقتىن ئىبارەت بۇ <تېرىلغۇ يەر ئىچىدىكى مۈشۈكئېيىق>نى ياخشى قوغداپ، ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشىمىز كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئۇرۇقلۇقنىڭ سالمىقىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ: «دېھقانلار <ياخشى ئانىنىڭ بالىسىمۇ ياخشى بولىدۇ، سورتلۇق ئۇرۇقتىن كۆپ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ>، <يەر تېرىشتا ئۇرۇقلۇقنى ياخشى تاللىمىغاندا، جاپا تارتسىمۇ بىكارغا ئىشلەيدىغان ئىش> دېيىشىدۇ».
2013 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، يۈەن لۇڭپىڭ ئىككى پارچە دەرىجىدىن تاشقىرى شالغۇت شالنىڭ سۈرىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئارزۇسىنى ئېيتتى: بىرى شال مايسىسى ئاستىدا سالقىندىغىلى بولۇش ئارزۇسى، يەنە بىرى شالغۇت شال بىلەن پۈتۈن يەرشارىنى قاپلاش ئارزۇسى.
باش شۇجى سۈرەتلەرنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي كۆردى.
2018 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي خەينەن دۆلەت نەنفەن سورت يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات بازىسىغا كېلىپ، ئېتىز قىرىنى بويلاپ شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يۈەن لۇڭپىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. يۈەن لۇڭپىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: شالغۇت شالنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 1000 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈشتە چاتاق يوق!
بىر يىلدىن كېيىن يۈەن لۇڭپىڭغا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا ئوردېن بەردى. بۇ قېتىم كۆرۈشكەندە، باش شۇجى يۈەن لۇڭپىڭدىن: قانداق ئىلگىرىلەش بار؟ دەپ سورىدى، يۈەن لۇڭپىڭ: بىز مو بېشى ھوسۇلىنى 1200 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتتۇق! دەپ جاۋاب بەردى.
2022 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم خەينەنگە بېرىپ سورت يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقاتىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ چاغدا يۈەن لۇڭپىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.
باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك، يولداش يۈەن لۇڭپىڭ بىر ئۈلگە. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەۋاتقان، ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان، بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتقان ناھايىتى كۆپ كىشىلەر بار».
يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىدا، ئىختىساسلىقلاردا.
2021 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىنىڭ چۈەنجوۋ ناھىيەسى ماۋجۇشەن كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. يامغۇردىن كېيىن تاغلىق كەنتنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىن تاشقىرى ساپ ئىدى. ئۈزۈملۈكتە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى نەق مەيداندا كەنت ئاھالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈزۈملۈككە كىرىپ: «سىز قەيەردىن كەلدىڭىز؟» «بۇ جايدا ئاساسلىقى كۆپچىلىككە نېمىنى ئۆگىتىسىز؟» «ئۈزۈم شۇڭلىرىنى باغلاپ، ئۇچلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟»
«تۆھپىڭىزنى زېمىنغا يېزىڭ!» باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «مەن فۇجيەندىكى ۋاقتىمدىلا پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانىدىم، ھازىر بۇ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغا چۆكۈپ، كونكرېت، ئەمەلىي نەتىجە ياراتقىلى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، ئەنە شۇ سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار ھېسابلىنىدۇ».
2018 - يىلى 9 - ئايدا، 1 - قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن شەرقىي شىمالغا بېرىپ، خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ، چوڭ ئېتىزلارغا كىرىپ، كۈزلۈك يىغىم ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ شاللىققا كىرىپ، بىر تۇتام شال باشىقىنى ئېلىپ، شال دانلىرىنى، شالنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بېيداخۇاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىنتايىن قالتىس ئىكەن، بۇ، كىشىنىڭ ئىشەنچىنى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى ئىنتايىن ئۇرغۇتىدۇ».
( 3 )
مەيلى تارىخقا ئۇزاق ئارىلىقتىن نەزەر سالغاندا بولسۇن ياكى دۇنياغا كەڭ بۇلۇڭلۇق نۇقتىدىن قارىغاندا بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەڭ كۆپ رىشتە باغلىغان، زېھنىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلغان» نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنىڭ تەسىرى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق بولدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىگە يۈزلەنگەندە، «يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس»قا يۈزلەنگەندە، باش شۇجىنىڭ نىشانى قەتئىي بولدى: «بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېدى.
«بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر پۇقرالارغا، بولۇپمۇ دېھقانلارنى يۆلەشكە رىشتە باغلىغان.» ئىنتايىن چوڭقۇر چىن ھېسسىيات قەتئىي ھەرىكەتكە ئايلاندى.
قار - شىۋىرغانغا قارىمىدى، تومۇز ئىسسىققا پەرۋا قىلمىدى، پاتقاق يوللاردىن ماڭدى، تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ، دەريا - ئېقىنلارنى كەچتى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى 50 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ چىقىپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قوماندانلىق قىلدى.
2024 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ تيەنشۈيگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.
11 يىل ئىلگىرى، دەل «جاھاندىكى ئەڭ نامرات جاي» دەپ ئاتالغان گەنسۇ دىڭشىدا، باش شۇجى يۇرتداشلارنىڭ ئىدىشىدىن بىر چۆمۈچ سۇ ئېلىپ ئىچىپ باقتى، سۇنىڭ تەمىنى تېتىپ ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. باش شۇجى ئالايىتەن ۋېييۈەن ناھىيەسىنىڭ تاۋخې دەرياسىدىن سۇ باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىغا كېلىپ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغان دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا پۇقرالارنى تاۋخې دەرياسىنىڭ پاكىز، تاتلىق سۈيىنى بالدۇرراق ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تاۋخې دەرياسىدىن باشلاپ كېلىنگەن سۇ لەنجوۋ، دىڭشى، بەييىن، پىڭلياڭ، تيەنشۈيدىن ئىبارەت بەش شەھەر، 14 ناھىيە(رايون)دىكى 6 مىليونغا يېقىن ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزمەكتە. باش شۇجى ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ مۇنداق دېدى: «تاۋخې دەرياسىدىن سۇ باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ قىلىنغانلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، جىددىي مەسىلە ھەل قىلىنىپتۇ».
2014 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدىكى شىيې بازارلىق دوختۇرخانىغا كېلىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
باش شۇجىنىڭ ئالىقىنىدىن تارالغان ئىللىقلىق كەنت ئاھالىسى ۋېي دىڭيۈ بوۋاينىڭ ھېلىھەم ئېسىدە: «مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمنى سورىغاندىن باشقا، يەنە كېسەل كۆرسىتىشىمىزنىڭ قولايلىق ياكى قولايلىق ئەمەسلىكى، داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ قىممەت ياكى قىممەت ئەمەسلىكى، يېزا داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خىزمىتىدىن رازى بولغان ياكى بولمىغانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلدى».
«دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر كىشىلەر خەلققە خۇددى ئاتا - ئانا بالىسىغا كۆيۈنگەندەك، قېرىنداشلار بىر - بىرىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدۇ، خەلقنىڭ ئاچ - يېلىڭ قالغانلىقىنى بىلگەندە ئازابلىنىدۇ، جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ھەسرەت چېكىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى نەقىل كەلتۈرگەن قەدىمكىلەرنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى.
2016 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جىنجەي ناھىيەسى خۇاشى يېزىسى داۋەن كەنتىدىكى يېشى 60تىن ئاشقان، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ۋاڭ نېڭباۋ، جاڭ باڭرو ئەر - خوتۇننىڭ ئۆيىگە كەلدى.
«بىر يىلدا يۇقىرى قان بېسىم دورىسى ئۈچۈن نەچچە پۇل خەجلەيسىلەر؟»... باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى ھەم شۇ جايدىكى كادىرلارغا نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىدىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ يۆلەش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.
2014 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گۇيجوۋ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر نامرات رايونلاردىكى پۇقرالارنى كۆرسەم، ھەقىقەتەن چىن قەلبىمدىن ئۇلارنىڭ غېمىنى يەيمەن. كوممۇنىست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم ئۇلارنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز، ھەقىقىي تۈردە ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك، بولمىسا، بىز ۋىجدانىمىزنى يوقاتقان بولمامدۇق؟»
يېزىلاردىكى «ياشانغانلار - بالىلار»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.
2024 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي جيايۈ ناھىيەسىنىڭ سىيى كەنتىگە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنت ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ ئاشخانىسى، كەنت داۋالاش ئۆيىگە كىردى.
باش شۇجىنىڭ نەق مەيداندىكى ياشانغانلارغا تاپىلىغان سۆزى سەمىمىي ھەم ئىللىق ئىدى: «سالامەتلىكىڭلارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈڭلار، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنلىرىڭلارنى ياخشى قەدىرلەڭلار!»
دېھقان شيۇڭ چېڭلۇڭنىڭ ئۆيىدە باش شۇجى ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى تەپسىلىي كۆردى، ئىللىق سۆزلەر بىلەن ئەھۋال سورىدى.
لاۋشيۇڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ باياشات ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ، باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاتا - ئانا بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئائىلىدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىۋېتىپسىلەر، پەرزەنتلىرىڭلار سىرتتا ياخشى تىرىشىۋېتىپتۇ، كېيىنكى قەدەمدە نەۋرىلىرىڭلارنى ياخشى تەربىيەلەڭلار. مەن <ياشانغانلار - بالىلار>دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن».
( 4 )
2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەننىڭ دۇڭشەن ئارىلىدىكى كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى − ئاۋجياۋ كەنتىگە كەلدى. 2001 - يىلىمۇ يولداش شى جىنپىڭ بۇ جايغا كەلگەنىدى.
كەنت كادىرلىرى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى كەنتىمىزدە جەمئىي 130 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 58 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
بۇ جايدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، باش شۇجى «تولىمۇ خۇرسەن بولدى، تولىمۇ ھاياجانلاندى» −
«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزىلار چوقۇم تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ، دېھقانلار تېخىمۇ قايناق تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ».
نەچچە مىڭ يىللىق «جۇڭگو يېزىلىرى»، يېزا - كەنتلەر بۇ دۆلەت، بۇ مىللەتكە نىسبەتەن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولغان، نۇرغۇن ئۈمىدنى زىممىگە ئالغان.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېزا - كەنت مەدەنىيلىكى جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، كەنتلەر بۇ خىل مەدەنىيلىكنىڭ ۋاسىتىسى، تېرىقچىلىق - ئوقۇش مەدەنىيلىكى بىزنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىمىز».
2019 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، خېنەن پۇياڭدىكى شىشىنجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى ليەنچېڭ قويۇق يۇرت شىۋىسىدە باش شۇجى شى جىنپىڭغا جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ «سەككىز ئارزۇ»سىنى سۆزلەپ بەردى −
باش شۇجى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن رىغبەتلەندۈرۈش چىقىپ تۇراتتى. ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىز دەل كەڭ دېھقانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تەلىپى... بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چۆرىدەپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش. بىزنىڭ بۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىمىز ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى».
«قانداق يېزا - كەنت قۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى قانداق قۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى دۇچ كەلگەن تارىخىي تېما.» بۇنى ھەر قېتىم ئويلىغاندا چوڭقۇر ھاياجانلاندى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقىنىغا، زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىلدىن ئاشتى.
خېبېي جېڭدىڭدا، يەن ياڭچۇ خېبېي دىڭشيەن ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان سىناقنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛
فۇجيەن نىڭدېدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، «يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى»؛
جېجياڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»دە «شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش» كېرەك دەپ تەكىتلەپ مۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەنىدى − «نۇرغۇن شائىرنىڭ قەلىمىدە يېزىلار شېئىرىي تۈسكە تولغان سەھرا مەنزىرىسىگە ئىگە قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ، پەيلاسوپلار بولسا <ئادەملەر شېئىرلاردا تەسۋىرلەنگەندەك زېمىندا ياشىشى كېرەك ئىكەن> دەپ ھاياجانغا چۆمىدۇ.
دەۋرنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەگەكلىك بىلەن ئاڭلىق رەۋىشتە: «يېزىلار دۆلىتىمىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ بۆشۈكى، يېزا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، يېزىلار قاقاس يېزا، ئەمگەك كۈچلىرى يوق يېزا، ئەسلىمىدىكى يۇرت بولۇپ قالسا بولمايدۇ» دېدى.
2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئېچىلغان كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
جېنجياڭدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋېي چياۋ ئەينى يىلى يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئالدى، بۇ، 2014 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېنجياڭ يېزىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى بىر تەپسىلاتتىن باشلانغان.
«ۋېي چياۋغا ئوخشاش مۇشۇنداق يولداشلارنىڭ يېزىغا بارغانلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ!» ۋېي چياۋ بىلەن خوتۇنىنىڭ بېيجىڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شەھەردىن يېزىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان باش شۇجى چىن كۆڭلىدىن ماختىدى، «بىز ھازىر يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، كۆپلىگەن ئىختىساسلىقلارغا ۋە ساپالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق. بىزنىڭ ياشلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىزمۇ قوش يۆنىلىشتە يۆتكىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن شەھەر - بازارلاشتۇرۇش جەريانىدا دېھقانلار يېڭى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ زورىيىدۇ».
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، «يېزا - كەنتلەردە قېلىشنى، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشنى خالايدىغانلارنى خاتىرجەم قىلىش، تاغ ۋە يېزىلارغا بېرىشنى، يېزا - كەنتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنى خالايدىغانلارنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىش» يەنىلا چوڭ تېما بولماقتا.
مەۋقەنى يېڭى دەۋر ئورنىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى گۈللەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2022 - يىلى ئالتۇن كۈز پەسلىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، دانلىق زىرائەتلەر ئامبارغا لىق تولدى، «سېرىق تۇپراقنىڭ ئوغلى» يەنە قايتىپ كەلدى.
يەنئەن شەھىرىنىڭ ئەنسەي رايونى گاۋچياۋ بازىرى نەنگوۋ كەنتىدىكى باغقا كىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە قىپقىزىل چوڭ ئالمىدىن بىرنى ئۈزدى.
باش شۇجى بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە قانداق قىلىپ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە يول بويى ئويلاندىم».
«بۇ ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان كەسىپ، ئىستىقبالى پارلاق»، مېۋىلىك باغدىن ئالما يۇيۇش، تاللاش سېخىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىمالىي شەنشىدە ئالما ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت جەھەتتە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
ئەينى يىللاردىكى «يۇرتداشلارنى بىر ۋاق تويغۇدەك گۆش يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» ئارزۇسى ئاللىبۇرۇن ئەمەلگە ئاشتى، باش شۇجى چۆرىدەپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە قاراپ، يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى نىشاننى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى تۈرمۇتۈر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز».
بۇ تونۇش تۇپراققا قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى: «شىمالىي شەنشىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».
جۇڭگو يېزىلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولماقتا.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)