كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۇدا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بايىنبۇلاقتا تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40.8 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن كېيىنكى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن دۆلەت مېتېئورولوگىيە پونكىتى بولۇپ قالدى.
12-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئەمەلىي ئەھۋالى رەت تەرتىپىدە كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 15تىن 12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 14كىچە، بايىنبۇلاقتا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40.8 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، مۇشۇ ۋاقىت بۆلىكىدىكىپۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان،2-ئورۇندا تۇرغان ئىچكى موڭغۇلدىكى تۇلى دەرياسىدىن 5.4 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولغان.
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئەمەلىي ئەھۋالى رەت تەرتىپى
سۈرەتنى مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 24 سائەتلىك ئەمەلىي ئەھۋال ئەگرى سىزىقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بايىنبۇلاقتا بۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10لار ئەتراپىدا كۆرۈلگەنگەنلىكى، ئوخشاش ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا خەينەن شىشادا 27.1 سېلسىيە گىرادۇس بولغانلىقى، ئىككى جاينىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 67.9 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.