导航切换

ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىكى ئاچقۇچلۇق تاللاش

日期:2024年12月12日
来源:天山网
【字体:

​− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنى ھەيدەپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى توغرىسىدا


ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

2024 - يىلىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىغا ئاز قالدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى يېڭى ئاچقۇچلۇق مۇساپىگە قەدەم قويدى −

1 - پەسىلدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن تارتىپ، 2 -، 3 - پەسىلدە تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشىغىچە، يەنە 4 - پەسىلدە ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگىچە، بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا داۋالغۇش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى سىجىل گەۋدىلەندى.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ھەرگىزمۇ تۈپتۈز بولمايدۇ. تاشقى قىسىمغا نەزەر سالساق، خەلقئارا مۇھىت تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك ئەمەس، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزنى چەكلىشى، بېسىشى سىجىل كۈچىيىۋاتىدۇ. ئىچكى قىسىمغا نەزەر سالساق، دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلدى، نۇقتىلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىدا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق مەۋجۇت.

«قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا شۇنداق كۆرسىتىلدى.

ھازىر، جۇڭگو تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئاچقۇچلۇق تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىس ۋە ئېنىقسىزلىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنى ھەيدەپ بوران - چاپقۇندىن قورقماي، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

(1) «پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بېيجىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى). ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى بۇ جايدا ئوقۇش باشلىدى.

«كېيىنكى ئىككى ئايدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا نۇقتىلىق شۇنداق تەكىتلىدى.

بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھازىرقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، كېلەر يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك.

نىشانغا قاراپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش.

دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ، رىقابەتلىك، كەسكىن ھالەت كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان.

بوران - چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، رول تۇتۇپ يول باشلىغۇچىنىڭ قەتئىيلىكى، كەسكىنلىكى شۇنچە نامايان بولىدۇ.

چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىدى... ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بىرىنچى سەپتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي يۈزلىنىشنى ئىگىلىدى. دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولۇشتىن چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، جۇڭگو ئىقتىساد ئورگانىزمىنىڭ تومۇر سوقۇشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادى تۇرۇۋاتقان دەۋر كوردىناتىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ دەل جايىدا بېكىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لىنىيەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا تەڭشەپ توغرىلىدى.

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

2 - پەسىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 3 - پەسىلگە قەدەم قويغاندا، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، پاي بازىرى، ئۆي بازىرى بېسىمغا دۇچ كەلدى، قىسمەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچى يېتەرسىز بولدى، بازار مۆلچەرى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا ئەندىشە كەيپىياتى سەل ئەۋج ئالدى.

بۇ ئاچقۇچلۇق تۈگۈن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مۇھىم يېتەكچىلىكى تىرەكلىك، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى نامايان قىلدى.

«ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇش» «مالىيە، پۇل سىياسىتىنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىش» «ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» «تىرىشىپ كاپىتال بازىرىنى جانلاندۇرۇش» «كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش»... يىغىندا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال تارقىتىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالدى - كەينىدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى مەركەزلىك ئېلان قىلدى.

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز چېكىنى 6 تىرىليون يۈەن كۆپەيتىپ، ساقلانما مىقدار يوشۇرۇن قەرزىگە ئالماشتۇرۇش تەستىقلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2024 - يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئۇدا بەش يىل ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىدىن 800 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند مالىيە كۈچىنى تولۇقلاپ، قەرزنى تۈگىتىشكە مەخسۇس ئىشلىتىدۇ، ئۇنى جەمئىي 4 تىرىليون يۈەن يوشۇرۇن قەرزگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. 2029 - يىلى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا قەرەلى توشقان كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش يوشۇرۇن قەرزى 2 تىرىليون يۈەن بولۇپ، يەنىلا ئەسلىدىكى توختام بويىچە قايتۇرۇلىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

بۇ سىياسەت «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر»دەك يەرلىكنىڭ قەرز بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، ھەرقايسى جايلارنى تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئاجرىتىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش.

«پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئىشلەش ئارقىلىق يارىتىلغان. بىز ئەمەلىي ئىشلەش، كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىمىز كېرەك.» بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ رىجاۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەرلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش توغرىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا: ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، ئالاقىدار ئۆلكىلەر مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىشى، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇردى؛

بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتتى، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى مۇجەسسەملىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، بېيجىڭ. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

«ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل كۈچەيدى. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلىنىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش پۇختا، كۈچلۈك بولدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ.» بۇ يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، يىغىن شۇنداق قارىدى.

(2) «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك»

10 مىليون دانە! 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يىللىق مەھسۇلات مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

پەقەت ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ساننى 1 مىليوندىن 10 مىليونغا كۆپەيتىش جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتىكى جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.

«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا تىلغا ئېلىپ كۆپ قېتىم تەكرارلىغان بۇ سۆز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، شۇنداقلا ھازىرقى ئېھتىياج، تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 11 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. «ئالاھىدىلىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئاچقۇچلۇقى سۈپىتى ئەلا بولۇش، ماھىيىتى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە يۈكسەك نەزەرىيەۋى ئاڭلىقلىق بىلەن، نېمىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىكەنلىكى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەكلىكىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 14 تىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 6 - نومۇر ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشتەك ئىجادىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە قالدۇردى.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇنداق تەكىتلىدى: 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پەن - تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق يوليورۇق بەردى.

دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2024 - يىللىق يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى رەت تەرتىپىدە بۇلتۇرقىدىن بىر ئورۇن ئۆرلەپ 11 - ئورۇندا تۇرغان، ئون يىلدا 18 ئورۇن ئۆرلەپ، رەت تەرتىپى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قارىغانلىق، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىللا ئەندىزىگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك».

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك» «يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، يېشىللىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى.

يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى دەل يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر تاختا شاھماتنى پىلانلاشتەك ئومۇملۇق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يېشىل تەرەققىياتنى پىلانلىدى:

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا «يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە «بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا سىياسىتى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى يولغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا خېفېي بىنخۇ ئىلىم - پەن شەھەرچىسىگە كېلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ. <ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس>، كۆپچىلىك دادىل بولۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك».

(3) «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم»

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتى پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.» بۇ يىل 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بۇ جايغا كېلىپ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ياخشى ئۆزگەرتىش».

ئىقتىسادىي تەرەققىيات بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى شۇنچە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 14 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، باش تېمىسى ھەممە ئائىلە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى، يېڭى بۇرچى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىليون 490 مىڭ كىشىگە يېتىپ، شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي گەۋدىسى مۇقىم بولدى.

خەلقنىڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى.

ئىقتىساد، جەمئىيەت، نوپۇس ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىختىيارىي، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى...

بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىللىق ئاساسىي رېڭىنى نامايان قىلدى.

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ پەنجياۋەن بازىرىغا كېلىپ، ئېتىزلارغا كىرىپ كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ تېما. يېزىلارنىڭ يېرى كەڭ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشى كېرەك».

«نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھەسى، ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» «ناھىيە بازىرىنىڭ شەھەرنى تۇتاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتمۇقات خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، خەۋپ - خەتەرنىڭ توپلىنىشىغا قارىتا، ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى تەخىرسىزلىك تېخىمۇ كۈچەيدى.

بۇ يىل، نۇرغۇن جاي ياز پەسلىدە «لۇڭجوۋشۇي» «باۋلىمېي» ھۆل - يېغىنلىق ھاۋارايىنى باشتىن كەچۈردى، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى ۋادىسىدا قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈپ، قۇرغاقچىلىق بىلەن ھۆلچىلىك تېز ئالماشتى، شەرقىي شىمالدا قاتتىق قارا يامغۇر ياغدى، كۈز پەسلىدە ئىنتايىن كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، كەڭ كادىرلار، ئامما قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى ئورتاق قولغا كەلتۈردى.

سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكى چىڭ ساقلىنىپ، بىخەتەرلىك تورى يەنىمۇ زىچ توقۇلۇپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

(4) «ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك»

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشى يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى.

«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، يەنىلا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە تايىنىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىدى.

بۇ كەسكىن تاللاش ئىلمىي ھۆكۈمدىن كەلگەن: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا ئۇيغۇنلاشقان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى ئېچىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ.

«قارار»نىڭ 13 قىسمىدىكى خاس بايان ئىچىدە ئىقتىسادىي ساھەگە چېتىلىدىغىنى ئالتە قىسىم بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇ ساھەنىڭ سالمىقىنىڭ زورلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

«ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇش كېرەك.» يىغىندا مۇشۇنداق ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش»نى چۆرىدەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

...

ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆزلىمىسى ياخشىلاندى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچى ئاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇۋۋىتى توپلاندى.

«ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى شۇنچە چوڭ بولىدۇ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئېچىپ بەردى.

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، پېرۇ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇنىڭ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن سىنلىق شەكىلدە پېرۇ چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا ئورتاق قاتناشتى ھەم بۇيرۇق چۈشۈردى.

بېيجىڭ ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، چۇڭچىڭ، تۇەنجيې كەنتى مەركىزىي ۋوگزالى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى، پۈتۈن ئاپتوموبىل ھەم زاپچاسلار، ماشىنىسازلىق سانائىتى زاپچاسلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان يۈز مىڭىنجى قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گېرمانىيە دۇيىسبۇرگقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا، ئاز ساندىكى دۆلەتلەر«ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك سىجىل باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ.

تەتۈر ئېقىمغا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا شۇنچە ئاكتىپ قۇچاق ئېچىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەۋرنىڭ تاللاش يول ئېغىزىدا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىش تەرىپىدە تۇردى.

«كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش ۋە يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىشكە دائىر تېخىمۇ كۆپ سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، يەرشارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى.

قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز. بۇ، جۇڭگونىڭ ۋەدىسى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، تۆت قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقتى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كۆپ قېتىم ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارادىكى دوستلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە كۆرۈشتى.

دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى جۇڭگونى «دوستلار چەمبىرىكى»نى بارغانسېرى كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ، دۇنيا مىقياسىدا سىجىل «جۇڭگو قىزغىنلىقى» قوزغىدى.

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، چەكسىز داغدام يول نامايان بولىدۇ.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسىتى، قورقماس غەيرىتى ۋە شىجائىتى بىلەن، ھەر قېتىمدا ئاچقۇچلۇق تاللاش چىقىرىپ، خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە كۈچنى ئۇرغۇتتى.

جۇڭگو ئىقتىسادى ئەزەلدىن خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ كەلدى، بوران - چاپقۇنلاردا چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا زورايدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى مۇقەررەر يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

(مۇخبىرلار زوۋ ۋېي، جاۋ چاۋ، يۈ جياشىن، ليۇ خۇڭشيا، شيې شىياۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)