导航切换

كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ! ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشلىقلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، تېز كۆرۈڭ!

日期:2024年12月11日
来源:天山网
【字体:


ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشلىقلار

كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولامدۇ؟


بولىدۇ

پايدىلىق خەۋەر، تېز كۆرۈڭلار


ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشلىقلار

(تۆۋەندەئىشسىزلىق پۇلى ئالىدىغانچوڭ ياشلىقلاردېيىلىدى)

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان

ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا

بىر يىلدىن ئاز قالغان ئىشسىزلارنى كۆرسىتىدۇ

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش

مۇددىتى توشقان بولسىمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان

ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا بىر يىلدىن ئاز قالغان

شۇنداقلا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى

قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكۈچە داۋاملىق تارقىتىلىدىغانئىشسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ


بېرىش ئۆلچىمى

ئىشسىزلىق پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشلىقلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغان جايدا شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ھەق تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، شۇ جايدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان قىسمى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن بېرىلىپ، «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىنات چىقىمى» تۈرىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

«ئاۋۋال تاپشۇرۇش، كېيىن تولۇقلاش» ئەندىزىسى بويىچە سىياسەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

ئىشسىزلىق پۇلى ئېلىش شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ ياشلىقلار

كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ

ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئۆزى قاتناشقان ھەم ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن

شۇ جايدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىرىلىدىغان خىراجەتنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

بېجىرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن

شۇ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ بانكا ھېساباتىغا ۋاقتىدا ئۇرۇپ بېرىدۇ


@ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپارات

ئىشسىزلىق پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ ياشلىقلارغا

ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشكېرەك

ھەقتاپشۇرۇشنى توختىتىش ئەھۋالى

ئىشسىزلىق پۇلى ئالىدىغان چوڭ ياشلىقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى قانۇن بويىچە توختىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدىنبەھرىمەن بولۇشتوختىتىلىدۇ.

دىققەت!

قىسقا مۇددەت سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ تەمىناتنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، خادىم قىسقارتسىمۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالدامچىلىق خەۋپ-خەتىرى بارلارغاتەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.


سىياسەت 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ

2039-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى