导航切换

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年12月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرما جويەن) 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئوللىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - نېپال دوستلۇق ئىشلىرىغا قەتئىي كۈچ چىقارغانلىقىنى تەرىپلىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال تاغ - دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى قوللىدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى. كېلەر يىلى جۇڭگو - نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ، نېپال تەرەپ بىلەن بىرگە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ نېپالنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، نېپالنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، نېپال تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى قۇرۇلۇشى تەدرىجىي ھالدا تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلانماقتا. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، پورت، قاتناش، ئېلېكتىر تورى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نېپالنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئايلىنىشنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، داۋاملىق تۈردە قۇربى يەتكەن دائىرىدە نېپالنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاشنى، جۇڭگو كارخانىلىرىنى نېپالغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ نېپالنىڭ جۇڭگودا 2025 - يىلىنى «نېپال ساياھەت يىلى» دەپ جاكارلىغانلىقىنى قوللايدۇ، نېپاللىق دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىشى، ساياھەت قىلىشى، ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە نېپال تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئوللى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭگونىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېپال تەرەپ ناھايىتى پەخىرلەندى، ھەسسىلەپ ئىلھام ئالدى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. نېپال بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا پەقەت دوستلۇقلا بار، مەسىلە يوق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دوستانە ئۆتۈش، باراۋەر بولۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان. جۇڭگو تەرەپنىڭ جىددىي ياردەم بېرىپ، نېپالنى تۈرلۈك قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، نېپالنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئايلىنىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. نېپال تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا داۋاملىق پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنى نېپالغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. شىزاڭ بىلەن تەيۋەن ھەر ئىككىلىسى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، نېپال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ، ھەرقانداق چەت ئەل دۆلىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلار ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نېپالنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.