ئۆي-زېمىن گۇۋاھنامىسىدە ئىسمى يېزىلمىغان ئەر ياكى خوتۇن بىر تەرەپ ئۆي ئىگىسى ھېسابلىنامدۇ؟ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شاڭخەي زىيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ ئەپەندى ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسىداسۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆي ئىگىسىلىك سالاھىيىتىنى بېكىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ۋاڭ ئەپەندى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى قايتا سايلانغاندا، ئۇ بىر قىسىم ئۆي ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆي-زېمىن گۇۋاھنامىسىگە پەقەت ئايالىنىڭ ئىسمىلا يېزىلغاچقا، ئۇنىڭ ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
تورداشلار قالدۇرغان سۆزنىڭ كەسمە سۈرىتى.
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر ۋاڭ ئەپەندى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. «ئەجەبا مەن ئۆي ئىگىسى ھېسابلانمامدىمەن؟» ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خوتۇنىئىككىسى سېتىۋالغان ئۆينىڭ ئۆي سېتىۋېلىش دەپتىرىگە پەقەت خوتۇنىنىڭ ئىسمىلا يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆي ئۆي ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى ئورتاق مال-مۈلۈككە تەۋە ئىكەن.
ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆي ئىگىسىلىك سالاھىيىتىنى بېكىتىش توغرىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىشەن كوچا باشقارمىسى يۇڭكاڭ 1-كوچىسى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ شۇجىسى مۇنداق دېدى: مەھەللە ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا قارىتا ئاساسلىقى ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. «ۋاڭ ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىنى مەھەللىمۇ يۇقىرىغا ئىنكاس قىلدى، بىزگە بېرىلگەن ئېنىق قايتۇرما جاۋاب شۇكى، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئۇ تىزىملاتمىسا ئۆي ئىگىسىلىك سالاھىيىتى بولمايدىكەن».
ۋاڭ ئەپەندى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىيى يۇڭلىنفوتوسى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن كوچا باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي-جاي باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمەت قوللانمىسى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ۋاڭ ئەپەندى ھازىر ئۆي ئىگىسىلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان. «ئولتۇراق رايوندىكى يەنە بىر ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ ئەھۋالى ئوخشاش، ئۆي-زېمىن گۇۋاھنامىسىگە ئېرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان، لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئۆي-زېمىن گۇۋاھنامىسىگە خوتۇنى تەرەپنىڭ ئىسمىنى تولدۇرغان، بۇنداق بولسا بولىدۇ».
بۇنىڭغا قارىتا، مۇخبىر شىنجاڭ «رۇيمېڭ» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى شيۇڭ چيەندىن مەسلىھەت سورىدى، ئۇ «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا گەرچە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئېرىشكەن كۆچمەس مۈلۈك ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكى دەپ قارالسىمۇ، لېكىن كىمنىڭ ئۆي ئىگىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن، دەپ چۈشەندۈردى. «ئۆي-جايباشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىزامى»نىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، «ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆي ئىگىسى بولىدۇ». «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىمارەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئايرىش ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا كونكرېت تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددا1-تارمىقىدا:«قانۇن بويىچە تىزىملىتىش ئارقىلىقياكى نەرسە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 2-باب، 3-بابىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەرنى نەرسە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 6-بابىدا ئېيتىلغان ئۆي ئىگىسى دەپ بېكىتىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقى قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە«ئۆي ئىگىسى»نى بېكىتىش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى ئالدى بىلەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتىرىلەنگىنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، قانۇن ھۆججىتى، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق نەرسە ھوقۇقى كۈچىگە ئىگە ۋەقەلەرگە ئاساسەننەرسە ھوقۇقى بېكىتىلسە بولىدۇ. شۇڭا، ئۆي ھەقىقەتەنمۇ ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مال-مۈلكى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسىگە ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسىلا تىزىملانغان بولسا، ئىسىم-فامىلىسىتىزىملانمىغان تەرەپنىڭ ئۆي ئىگىسىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئارزۇسى بولسا، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن يول ئارقىلىق ئىسىم-فامىلىسىنى تىزىملاتمىغان تەرەپنى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى قىلىپ كۆپەيتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىگىسىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ يەنە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى توغرا بېكىتىپ، باشقىچە پىكىر ۋە تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق.