شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش. تۈپ چىقىش يولى شۇكى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، 1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، قايتىش ھوقۇقىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، «بۆلگۈنچىلىككە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى قىسىمدىكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش ئوتىنى تىنچىتىش، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ داۋاملىق تۈردە غەززە خەلقىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»دىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.