导航切换

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2024年11月28日
来源:天山网
【字体:


ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەۋقە، مەقسەت قىلىپ، ياسىمىچىلىق نىسبىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تۈپ ئالدىنقى شەرت قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي يول قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچلۈك تور قۇرۇش بىلەن ئاخىرقى ئۇچنى راۋانلاشتۇرۇش، تۈگۈن بەرپا قىلىش بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە، پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنىڭ ماھىيەتلىك تۆۋەنلىشىگە بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇپ، تىرانسپورت تەننەرخى، ئامباردا ساقلاش تەننەرخى، باشقۇرۇش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«لايىھە»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي نىشان: 2027 - يىلىغا بارغاندا، جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي خىراجىتى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتىنى تىرىشىپ %13.5 ئۆپچۆرىسىگە تۆۋەنلىتىش. ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۈك تىرانسپورتى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتى مىقدارى، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتى ئوبوروت مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تىرىشىپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %11 ۋە %23 ئۆپچۆرىسىگە ئۆستۈرۈش، پورتلاردىكى يۈك ساندۇقلىرىنىڭ تۆمۈريول - سۇ يولى بىرلەشمە توشۇش مىقدارىنىڭ تېزرەك ئېشىشىنى ساقلاش. خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن سىستېمىسى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت تورىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان ئەشيا ئوبوروتى بازىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش.

«لايىھە»دە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: بىرىنچى، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆمۈريولدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشيول يۈك تىرانسپورتى بازىرىنى تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى. ئىككىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى سودا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئىنچىكە ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات» ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچى، دۆلەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ۋە يول تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى. تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى. بەشىنچى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، سېلىنما سىياسىتى جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، كىرېدىت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا ئىلھام بېرىپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر كاپالىتىنى كۈچەيتىش، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

«لايىھە»دە يەنە تەشكىللەش، يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.