导航切换

شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى

日期:2024年11月22日
来源:天山网
【字体:


11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار ئالدىن بىلىش تەس بولغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. بىز رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بىخەتەرلىكنى تۆۋەن چەك تەلىپى قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقنى قىممەت ئىنتىلىشى قىلىپ، تور بوشلۇقىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى، بىخەتەر تەرەققىياتى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل «رەقەملىك كەلگۈسى»گە قاراپ قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇر ئىنقىلابى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلققە بەخت يارىتىشنى، دۇنياغا بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

2024 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشياڭ شەھىرى ۋۇجېندا ئېچىلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئادەمنى ئاساس قىلغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ياخشىلىققا يۈزلەنگەن رەقەملىك كەلگۈسىگە قۇچاق ئېچىش − قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» بولۇپ، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.