مەنبە:ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىر ئوق پويىز گۇرۇپپىسى سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ھالدائۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى گۇڭئەن ئىدارىسى ئۈرۈمچى گۇڭئەن باشقارمىسى ئۇلانباي ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى مۇختەر مۇرات مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم ئوق پويىزنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىكۆرگەندە، ناھايىتى ھاياجانلىنىمەن، مانا بۇ شىنجاڭ سۈرئىتى».
شۇ كۈنى، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىكۈتۈۋېلىندى. ئون يىلدىن بۇيان، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى لىنىيەسىدە قاتناۋاتقان جۇڭگو ئوق پويىز گۇرۇپپىسىيۇقىرى تېمپېراتۇرا، قاتتىق سوغۇق ۋە قۇم-بوران، قار-يامغۇرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تېز ۋە بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.
لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيادىكى بىر قېتىمدىلا ياسىلىپ قاتناش باشلانغان، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئۇ، شەرقتە گەنسۇ لەنجوۋدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنجاڭ ئۈرۈمچىگىچە تۇتاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1786 كىلومېتىر. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى؛ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى پۈتۈن لىنىيە پۈتۈپ قاتناش باشلاندى.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىر ئوق پويىز گۇرۇپپىسىلەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئۇلانباي تونېلىدىن چىقماقتا.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈريولى گۇڭئەن ئىدارىسى ئۈرۈمچى گۇڭئەن باشقارمىسى ئۇلانباي ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى لىنىيەسىدە مېڭىۋاتقان پويىزغا قاراپ تۇرماقتا.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىر ئوق پويىز گۇرۇپپىسى لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلىكىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى