导航切换

شىنجاڭدىن ئىككى كىشى تىزىملىككە كىردى! 2024-يىلى 3-پەسىللىك جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

日期:2024年11月18日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2024-يىلى 3-پەسىللىك «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ۋە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىيەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى 2024-يىلى 3-پەسىللىك «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئىككى كىشى تىزىملىككە كىردى.

ئۇلار:سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بەختكە قارشى قۇربان بولغان 20 ياشلىق ياردەمچى ساقچى ئالىم راخمان (ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن)، ئىرادىسىدىن يانماي ياخشى ئىش قىلىپ، «ئوقۇغۇچىلار، يەسلى بالىلىرىنىڭقاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىش ئورنى»دا ئۇزاق يىل خالىسانە نۆۋەتچىلىك قىلغان بوۋاي جېڭ جىيى (ۋۇجياچۈ شەھىرىدىن).


جۇڭگو مەدەنىيلىك تورىدىن كېسىلگەن سۈرەت

ئالىم راخمان، ئەر، ئۇيغۇر، 2004-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى چىمەن ساقچىخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ئىدى. 2024-يىلى 7-ئايدا ئالىم راخمان قىلچە ئىككىلەنمەستىن سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، زىيادە ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەچكە سۇ ئېقىتىپ كېتىپ، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. ئالىم راخمان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرىپىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان.


جۇڭگو مەدەنىيلىك تورىدىن كېسىلگەن سۈرەت

جېڭ جىيى، ئەر، 1941-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭخۇ يولى كوچا باشقارمىسى دوستلۇق يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. جېڭ جىيى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، ۋۇجياچۈ شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى قاتناش بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش ئىش ئورنىدا 13 يىل خالىسانە ئىشلىدى، مەھەللىدە 17 يىل پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. جېڭ جىيى ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى، بىڭتۇەن بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بىڭتۇەن بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.