导航切换

شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە ئورتاق قاتناشتى

日期:2024年11月16日
来源:天山网
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن لىمادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە ئورتاق قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، خەن لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن لىمادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە ئورتاق قاتناشتى.

شى جىنپىڭ بىلەن بورۇئارت ئىككى دۆلەت قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم بەرگەن ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، چيەنكەي پورتى تۈرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئورتاق كۆردى. تۈر نەق مەيدانىدا جۇڭگو - پېرۇ ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىدىن پورت ئېچىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق سورىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «پورت ئېچىلسۇن!» دەپ جاكارلىدى.

چيەنكەي پورتىدا، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى گۇرۇھىنىڭ «پېرۇ» ناملىق پاراخوتى، «يېڭى شاڭخەي» ناملىق پاراخوتىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا چۈشۈرۈش - قاچىلاش مەشغۇلاتى باشلاندى، «تېڭفىي» ناملىق پاراخوت گۈدۈك چېلىپ يىراققا يۈرۈپ كەتتى، ئادەمسىز يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىللىرى ئالدىراش ھالدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ چيەنكەي پورتىدا پورتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئىككى دۆلەت قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ تاماملىغانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، بىر زامانىۋى پورت قەد كۆتۈردى، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. چيەنكەي پورتى ياخشى بولغان چوڭقۇر سۇ پورتى بولۇپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئاقىل پورت ۋە يېشىل پورت بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن پېرۇغا مول نەپ ئېلىپ كېلىپ، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، پېرۇنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى جىپسىلاشتۇرىدىغان، ئاسىيا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا بولۇش ئورنىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملەيدۇ. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىپ، دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئاچقانىدى. 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، پېرۇلۇقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىنكالار جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئېگىز تاغ ۋە ھەيۋەتلىك چوققىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاندېس تاغ تىزمىلىرىنى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئىنكا قەدىمىي يولىنى ياسىغان. بۈگۈنكى كۈندىكى چيەنكەي پورتى «يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى»نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. «چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش»تا، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ پېرۇدا يىلتىز تارتىپ چېچەكلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئاسىيا - لاتىن ئامېرىكىسى قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولماقتىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ئورتاق تىرىشىپ، چيەنكەي پورتىنى بىرلىكتە ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تىرانسپورت ئىقتىدارى، تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يول ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتىنى يېتەكلەش، ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق ئىقتىساد - سودىنى يېتەكلەش، ئىقتىساد - سودا ئارقىلىق كەسىپنى يېتەكلەش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئىككى دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان قىرغىقى ئىقتىساد گەۋدىسىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە پېرۇ ھەتتا كەڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ گۈللىنىش بەخت يولىغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقتا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك.

بورۇئارت مۇنداق بىلدۈردى: چيەنكەي پورتىدا پورتنىڭ ئېچىلغانلىقى پۈتكۈل پېرۇ خەلقى ئىپتىخارلىنىدىغان تارىخىي پەيت. پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش پېرۇنىڭ خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى ۋە سودا مەركىزى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، پېرۇنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم دەرۋازىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ، شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. پورت پېرۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پېرۇنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل پېرۇ خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ پېرۇغا ئىشەنگەنلىكىگە ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت! «چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش»تىكى بۇ «يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى» ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش كۆۋرۈكىنى، ئىككى دوستانە مىللەتنىڭ دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىدۇ. ياشىسۇن جۇڭگو! ياشىسۇن پېرۇ - جۇڭگو دوستلۇقى!

چيەنكەي پورتى پېرۇ پايتەختى لىمانىڭ شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تۈرى. پورت ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن پېرۇ ئارىسىدىكى يەككە مۇساپىلىك دېڭىز تىرانسپورت ۋاقتى 23 كۈنگە قىسقىراپ، %20تىن ئارتۇق ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تېجەيدۇ، ھەر يىلى پېرۇ ئۈچۈن 8000دىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.