导航切换

شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年10月30日
来源:天山网
【字体:


10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سىتۇب ۋە رەپىقىسى سۇسانا بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارفېڭ شىنرەن، شاۋ يىبو) 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىنلاندىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ دەسلەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر تۈركۈم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن بىرىنچى بولۇپ ھۆكۈمەتلەر ئارا سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان غەرب دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە باشتىن - ئاخىر دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى تارىخ، مەدەنىيەت، تۈزۈم پەرقىدىن ھالقىپ، باراۋەر بېرىش - كېلىش قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە قىممىتىنى نامايان قىلدى، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ۋە كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بەرگەن. جۇڭگو - فىنلاندىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقى بالدۇر باشلانغان، مول نەتىجە بەرگەن، يوشۇرۇن كۈچى زور. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، جۇڭگو - فىنلاندىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ھەمدە يەرشارىۋى تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. فىنلاندىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى مەزگىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، فىنلاندىيەنى يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى، تېخىمۇ كۆپ فىنلاندىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىشى، ساياھەت قىلىشى، ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا تىنچلىقنى سۆيىدۇ، ئوخشاشلا كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، فىنلاندىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى، جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىتۇب مۇنداق بىلدۈردى: مەن زۇڭتۇڭ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال. شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش يۈزبەردى. جۇڭگو كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 74 يىلدىن بۇيان، فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. فىنلاندىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە ياخشى تەبرىكلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېشىل ئېنېرگىيە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك يەرشارىۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلىرى، ئىدىيەسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم تەسىرى ھەمدە جارى قىلدۇرغان مۇقىم، ئىجابىي رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى زىچ باغلانغان بولۇپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. فىنلاندىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلدى ۋە مۇنداق بىلدۈردى: فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، داۋاملىق تۈردە كىرىزىسنى تىنچ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايمىز.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مائارىپ، سۇچىلىق، مۇھىت قوغداش، ئايلانما ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىزمەت پىلانى (2025 - يىلىدىن 2029 - يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سىتۇب ۋە رەپىقىسى سۇسانا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە فىنلاندىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. سىتۇب شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا سىتۇب ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.