导航切换

«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقى چەكسىز ئىكەن، مېھرىمىزنى ئۈزەلمەي قالدۇق»

日期:2024年10月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا تولغان بازار، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىۋاتقان مەززىلىك تائاملار، قىزغىن، مېھماندوست ھەر مىللەت ئامما... 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، مالدىۋې ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرى، مەسچىت، بازار، مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

«ئالتە ساراي، بىر مەركەز» دەپ نام ئالغان ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئىمارەتلەر توپى خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان قار لەيلىسىگە ئوخشاش قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاشقى كۆرۈنۈشى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. «ئالتە ساراي»نىڭ بىرى بولغان شەھەر پىلانلاش سارىيىغا كىرىپ، كۆپچىلىك قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىپ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاچ مېڭىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، ئەزىز مېھمانلار «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدى. «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ئىكەن، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناۋېتىپتۇ.» مالدىۋې ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مۇسا ئەنۋەر ھاسان مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، خوتەن تۇەنچېڭ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر خۇشاللىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا يۈرۈپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دۇكانلارنى ئايلىنىپ، كوچا رايونىدىكى ئاۋاتلىق ۋە قىزغىن كەيپىياتنى ھېس قىلدى، ئۇلار بەزىدە قەدىمىنى توختىتىپ نەپىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىدىن ھۇزۇرلانسا، بەزىدە مال باھاسىنى سوراپ، مال سېتىۋېلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

قاراڭغۇ چۈشكەندە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىدىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرى بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل پەيتنى كۈتۈۋالدى. مۇزىكا ساداسى ئىچىدە «قەدىمكى كىشى»لەر ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، «بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» ناملىق نومۇر بۇ يەردە ئورۇنلىنىۋاتاتتى، ئويۇن كۆرۈنۈشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر قەدىمىي تۈستىكى كوچىلاردا مېڭىپ، مىڭ يىللىق يىپەك يولىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى. «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقى چەكسىز ئىكەن، مېھرىمىزنى ئۈزەلمەي قالدۇق.» مالدىۋې دۆلەت قۇرئان مەركىزىنىڭ داھىيسى ئابدۇللا سادان مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كىشىلەر قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى بۇ مېھىرلىك تۇپراقنى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپتۇ.

خوتەن شەھىرى نەقىشۋەن قولدا توقۇلغان گىلەم زاۋۇتى، شىنجاڭ ئەيدېلى ئۈنچە - مەرۋايىت، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلاردا، ئەزىز مېھمانلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئېكسكۇرسىيەدە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بازار ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. «جۇڭگو شىنجاڭدا بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىلار بار ئىكەن، مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك، باھاسى ئادىل ئىكەن، خاس مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مالدىۋې ساخاۋەتچىلەر ئائىلىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىسادىن ئادۇنان.

ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت مەزگىلىدە، ئەزىز مېھمانلار يەنە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە مول ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق، شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. «جۇڭگو شىنجاڭدا كۆپ مىللەت ئىناق ئۆتىدىكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت ئىكەن، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئورتاق تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەيمەن» دېدى مالدىۋې دىنىي قائىدە بۇيرۇقى ئالىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد رىزا.