كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن قازانغا يۈرۈپ كەتتى
شى جىنپىڭ قازانغا يېتىپ باردى
شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قازانغا يېتىپ باردى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئايروپورتقا كۈتۈۋېلىشقا چىققان رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مەمۇرى مىننىخانوف بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رۇسىيە قازان، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، خۇاڭ خې) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قازانغا يېتىپ باردى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
مەخسۇس ئايروپىلان قازان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مەمۇرى مىننىخانوف، جۇمھۇرىيەت زۇڭلىسى پېسوشىن، قازان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مېتشىن ۋە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ئۇچىسىغا مىللىي كىيىم كىيگەن رۇسىيەلىك ياش قىزلار ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن بويىچە قارشى ئالدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قازانغا بېرىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.