شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رۇسىيە قازان، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارسۈن خاۋ، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاندا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 10 - ئايدا، بىز جۇڭگو - لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى جايلىرى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. سوتسىيالىستىك يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، باشتىن - ئاخىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ لائوسنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، لائوسمۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل چوڭقۇر بولۇشىغا، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، جۇڭگو - لائوس ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. لائوس تەرەپنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، لائوس تەرەپنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
تۇڭلۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن جۇڭگوغا بېرىپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ھەرىكەت پىلانىنى ئورتاق ئىمزالىدۇق. نۆۋەتتە ئالاقىدار ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ. لائوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە. جۇڭگو تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان لائوسقا قىممەتلىك مەدەت بېرىپ، لائوسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە لائوس - جۇڭگو تۆمۈريولى ۋە لائوس - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، لائوس پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوسنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.