导航切换

شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

日期:2024年10月25日
来源:天山网
【字体:


شۇ جاي ۋاقتى 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازان يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «<يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىلى شۆرېنفوتوسى


شۇ جاي ۋاقتى 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازان يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «<يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەم مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رۇسىيە قازان، 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخەن مو، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازان يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «<يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ روشەن بەلگىسى. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىشى دۇنيا تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مۇساپىسىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى يەنىلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى گۈللەندۈرۈش يولى مۇقەررەركى تۈپتۈز ئەمەس. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنچى سەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كوللېكتىپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

− تىنچلىقنى چىڭ ساقلاپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بىز تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقىم كۈچلەردىن بولۇپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە تېگىشلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. مەن ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق كۆپ ساھەدە مۇھىم ھاسىلاتلارغا ئېرىشتى. بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋەزىيىتىنىڭ ئىمكانقەدەر تېزدىن پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول راسلىشىمىز كېرەك. داۋاملىق تۈردە غەززە رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قايتا قوزغىتىشىمىز ھەم ئۇرۇش ئوتىنىڭ لىۋاندا يامرىشىنى توسۇشىمىز كېرەك.

− تەرەققىياتنى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بىز ئورتاق تەرەققىياتنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قارالمىسىدىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، 20 مىليارد دوللارغا يېقىن تەرەققىيات مەبلىغى سەپەرۋەر قىلىنىپ، 1100دىن ئارتۇق تۈر قانات يايدۇرۇلدى. يەرشارىۋى سانائەت سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىتتىپاقى جويۆ مەركىزى يېقىندا شاڭخەيدە ماكانلاشتى، جۇڭگو تەرەپ يەنە يەرشارىۋى «ئاقىل تاموژنا» تور ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تاموژنا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

− مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، كۆپ خىل ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بىز مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا بىر ـ بىرىمىزنى قوللىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشلامچىلىق بىلەن يەرشارىنىڭ جەنۇبى ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدا يىلتىز تارتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا ۋە بىرازىلىيە، ھىندىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئېفىيوپىيەنىڭ ۋەكىللىرى، 25 نەپەر تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان دۆلەتنىڭ رەھبىرى ياكى ۋەكىلى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى رۇسسېف قاتارلىق ئالتە نەپەر خەلقئارا تەشكىلات مەسئۇلى قاتناشتى.

شى جىنپىڭ 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە پۇتىننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەم ئەزىز مېھمان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.