شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى يېرىم كېچىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
قازاندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مەمۇرى مىننىخانوف ۋە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.