导航切换

«يەرشارىنىڭ جەنۇبى» ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىناقلىقى، ئورتاق گۈللىنىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

日期:2024年10月25日
来源:天山网
【字体:

− كۆپ دۆلەت زاتلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنغانلىقىنى ئالقىشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

شۇ جاي ۋاقتى 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە قازاندا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «<يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. كۆپلىگەن دۆلەتتىكى زاتلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئىگىلەنگەن، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت جۇڭگو تەشەببۇسى چوڭقۇر بايان قىلىنغان، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىشى، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇس «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ

رەئىس شى جىنپىڭ ئۇدا 12 يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ياكى قاتنىشىپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ: تىنچلىقنى چىڭ ساقلاپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تەرەققىياتنى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، كۆپ خىل ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇس تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشقان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.» تايلاند دۆلەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسى تايلاند ـ جۇڭگو ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ لۇڭگۇڭ ۋۇسېن تىلەنگۇ مۇنداق دېدى: ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ تۈرتكە بولغۇچىسى، يېتەكلىگۈچىسى بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزىنى «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ تەۋرەنمەس بىر ئەزاسى دەپ قاراپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشقان «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.

پاكىستان ئىسلامئاباد جەنۇبىي ئاسىيا ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەھمۇد ھاسان خان مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق قوشتى.

«رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇس يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەردە كەڭ ئورتاق سادا قوزغىدى.» جەنۇبىي ئافرىقا ئاممىۋى مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى سومادودا فىكىنى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر يېتەكچىلىك قىلىپ بەرپا قىلغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا بولغان قىزىقىشى كۈنسېرى كۈچەيدى، ئۇلار بۇ مېخانىزمغا قاتنىشىپ تەرەققىيات خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

«جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسنىڭ ئىچكى يادرولۇق مەزمۇنىنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقتىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە پايدىلىق.» بىرازىلىيە فېدېرال فىلۇمىنېنىس فېدېراتسىيە داشۆسىنىڭ دوتسېنتى، ۋارگاس فوند جەمئىيىتى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئېۋاندېرو كارۋالو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: مەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇم، «جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تايانچ كۈچلىرىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بىزنىڭ تولۇق ئاساسىمىز بار بولدى».

ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس «دۇنيانىڭ ئىناقلىق، ئورتاق گۈللىنىش ئاساسىي رېڭى»نى جۇلالاندۇردى

100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا سازاۋەر بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى رايون مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مۇھىم ھاسىلاتقا ئېرىشتى؛ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، 20 مىليارد دوللارغا يېقىن تەرەققىيات مەبلىغى سەپەرۋەر قىلىنىپ، 1100دىن ئارتۇق تۈر قانات يايدۇرۇلدى؛ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

«رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس نۇرغۇن دۆلەتنى مەنپەئەتلەندۈرمەكتە» دېدى ئېفىيوپىيە دىپلوماتىيە شۆيۈەنىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مېلاكۇ مۇلۇئالېم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن. ئۇ مۇنداق قارىدى: ئەددىس ئەبېبە ـ جىبۇتى تۆمۈريولى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، ئافرىقا ئىتتىپاقى باش ئىشتابى بىناسى قاتارلىق بىر قاتار ھەمكارلىق تۈرلىرى «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتقا جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇۋاتقانلىقى»نى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبى ئىجرائىيە ئىشخانىسى رەئىسىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم ھاشىم يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيادا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى تېز كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى سىجىل جىددىيلىشىۋاتىدۇ، يەرشارىۋى تەمىنات زەنجىرىنىڭ خەۋپسىزلىكى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئاساسلىق ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو پائال تۈردە ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشتى.

«جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولى بولغاچقا، لائوس ساياھەت بازىرىنى بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ماللارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توشۇپ، لائوس ئىقتىسادىنى كۆپ خىل خىرىسلار ئىچىدە بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈردى.» لائوسنىڭ نوپۇزلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى شىكۇن بېنۋېيلەي يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لائوس ـ جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقى لائوسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆپ خىل پايدا ئېلىپ كەلدى، لائوسنىڭ سودا سېلىنمىسى، مال تىرانسپورتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كۆپ ساھەلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشۇۋاتىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگو تەرەپ باشلامچىلىق بىلەن «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەھمۇد ھاسان خان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تۈزۈم ئارقا كۆرۈنۈشى بىر ـ بىرىگە ئوخشاش ئەمەس، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، كۆپ خىل ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا چوڭقۇر جۇڭگو ئىزنالىرىنى قالدۇردى، دۇنيانىڭ ئىناقلىق، ئورتاق گۈللىنىش ئاساسىي رېڭىنى كۈچلۈك جۇلالاندۇردى».

كەلگۈسى يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىدۇ

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ روشەن بەلگىسى. «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىشى دۇنيا تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مۇساپىسىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى بىرىنچى چاسا ئەترەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كوللېكتىپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەمدە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بېلارۇسىيە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى بېلارۇسىيە ـ جۇڭگو تەرەققىيات ئانالىز مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۇرى شېرباكوۋ مۇنداق دېدى: «<كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى >+ ھەمكارلىق ئەندىزىسى <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ پائال، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتلەر ئارا سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، بۇ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ ئادىل بولغان خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، رايون ۋە يەرشارىنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ».

«رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>غا نىسبەتەن ئېيتقاندا غايەت زور ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مانا بۇ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ بۇ مېخانىزمغا قاتنىشىشنى جىددىي ئۈمىد قىلىشىنىڭ سەۋەبى.» ۋېنېزۇئېلا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرەققىيات ئالىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات مۇدىرى لۇيىس دېلگارو مۇنداق دېدى: «ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى دۇنياغا سۆھبەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان، كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ۋە ئادىل سودا قىلىدىغان يېڭىچە خەلقئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلدى. كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا كۈچ چىقارغان بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى بىر ئۈمىدلىك يولغا ۋەكىللىك قىلماقتا».

«بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا» دېدى ئالجىرىيە «مۇستەقىل ياشلار گېزىتى»نىڭ ئاخبارات مۇدىرى كامال مەنسارى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، دۆلەت زېمىنى كۆلىمى، نوپۇس سانى، خەلقئارا سودا قاتارلىق تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»دىكى بىرىنچى چاسا سەپ بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى مۇقەررەر ھالدا كەلگۈسى يەرشارىۋى تەرەققىيات يېڭى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى كەيپىيات يارىتىدۇ.

ماراكەش ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناسىر بۇشىبا مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشتا. «ھازىر، دۇنيا ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يەرشارىۋى تەرەققىيات غايەت زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ.» بۇشىبا مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى كۆرۈپ يەتتۇقكى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>دىكى بىرىنچى چاسا سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئەمەلىي تەجرىبە ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك زىممىسىگە ئالدى».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)