شى جىنپىڭ جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى
ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆك رەڭلىك ئارزۇنى قەلبىگە پۈككەن، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر دېڭىز - ئوكيان ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك
جاۋاب خەت
جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار:
ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن!
سىلەرنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، پەن تەسىس قىلىش، مېخانىزمنى تەڭشەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆك رەڭلىك ئارزۇنى قەلبىگە پۈككەن، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر دېڭىز - ئوكيان ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، پەن تەسىس قىلىش، مېخانىزمنى تەڭشەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك دېڭىز - ئوكيان پەن - تېخنىكىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆك رەڭلىك ئارزۇنى قەلبىگە پۈككەن، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر دېڭىز - ئوكيان ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسى (ئاساسى خۇسۇسىي چىڭداۋ داشۆ) 1924 - يىلى قۇرۇلغان، 2002 - يىلى چىڭداۋ دېڭىز - ئوكيان داشۆسىنىڭ نامى جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىگە ئۆزگەرتىلگەن. يېقىندا، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ يۈز يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش كۈرەش مۇساپىسىنى دوكلات قىلىپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.