导航切换

بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك نەتىجە

日期:2024年10月28日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى ئاچتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن رۇسىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ھەمراھ بولۇپ بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر قازانغا بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. بۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەزا كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى. قازاندا تۇرغان 48 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئون نەچچە مەيدان پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى، كۆپ تەرەپ، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ ھەمتۈرتكە بولدى، قەدىناس دوستلار بىلەن يېڭى دوستلار جەم بولۇپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، كۈنتەرتىپى مول، ئىخچام، مەزمۇنى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، زىيارەت تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇلار بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زىچ خەۋەر قىلدى، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسى مول، يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى ئاچتى، جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى تايانچ كۈچ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى يادرولۇق ئەزا بولۇشتەك مۇھىم رولىنى يەنە بىر قېتىم جارى قىلدۇردى. دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم ھەم چوڭقۇر تارىخىي تەسىر پەيدا قىلماقتا.

بىرىنچى، بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئېچىش

ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مېخانىزمى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈش تارىخىي دولقۇنىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، نوپۇسى يەرشارى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلىدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىدىكى ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا ۋە ئەڭ مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانلار توقۇنۇش، داۋالغۇش شۇنداقلا تىنچ تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق تاللىشىغا دۇچ كەلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مېخانىزمىمۇ ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىمۇ بەزىبىر ئاجىزلىشىش، ھەتتا گۇمانلىنىش سادالىرىغا دۇچ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ كىچىك، چوڭ دائىرىلىك يىغىنلىرىغا پۈتۈن مۇساپىدە قاتنىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىر يەرگە كېلىشىنىڭ بىر - بىرىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىنى ئاساس قىلغانلىقىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى. دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنى قانچە كۈچەيگەنسېرى، بىز شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولىدىغان جاسارەت، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش تەدبىرى ئارقىلىق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق يول، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارت كۈچ قىلىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو تەشەببۇسىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تىرىشىپ تىنچ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، يېڭىلىق يارىتىشچان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، يېشىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئادىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئادىمىيەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بەرپا قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغدىغۇچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلىگۈچىسى، مەدەنىيلىكلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى سەككىز تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى پۇختىلىدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

30 نەچچە دۆلەتنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىش كۈچلۈك ئارزۇسى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ساداسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئېلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى قازان باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭى بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھ دۆلىتى بولۇشقا تەكلىپ قىلىش قارار قىلىندى، بۇ، بۇلتۇر جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا بەش يېڭى ئەزا قارشى ئېلىنغاندىن كېيىنكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى مېخانىزمىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى يەنىمۇ كېڭىيىپ، چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى، ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ نامايان بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچكە ئايلاندى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ سىجىل زورىيالىشى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى دائىم ساقلاپ قالالىشىدىكى ئاچقۇچ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان قەلبكە ئىگە بولغانلىقى، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى نىشان قىلغانلىقى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلگەنلىكىدە. بۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرىدىغان، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئاشۇ «كىچىك گۇرۇھ» «كىچىك چەمبىرەك» خاراكتېرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. 2013 - يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ھەمكارلىق ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقاتار مۇھىم كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلارنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىر ئاچقۇچلۇق نۇقتىدا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىزناسىنى قالدۇردى. جۇڭگو ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە تۈرتكىسىدە، ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ زورىيىۋاتقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، قوشۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك، ساداسى تېخىمۇ جاراڭلىق بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق قىممىتىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.

ئىككىنچى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش

ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشى دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ روشەن بەلگىسى. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن ئېشىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، يەرشارىۋى خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئۇلار بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇقىم، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئىلغار كۈچلەردۇر. ھازىر يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆرۈنەرلىك ئارقىدا، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقى تولۇق گەۋدىلەنمىدى، بۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى چەكلەپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەرشارىۋى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىم 30 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قازانغا جەم بولۇپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، كۆپ تەرەپچىلىكنى كۈچەيتىش، ئادىل بولغان يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. ھەرقايسى تەرەپلەر زوراۋانلىق، زومىگەرلىك ۋە قوش ئۆلچەمگە قارشى تۇرۇپ، غەززەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىككە بولغان ئارزۇسى، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە بولغان ئىنتىلىشى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان تەلپۈنۈشىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، ھازىرغىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا «يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلار گۇرۇپپىسى»غا قاتناشتى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللىدى، جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى «ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش»نى قوللىدى. بۇ قېتىم قازاندا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىشى دۇنيا تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مۇساپىسىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش، لېكىن يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى گۈللەندۈرۈش يولى مۇقەررەركى تۈپتۈز ئەمەس. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنچى سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، تىنچلىقنى چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقىم كۈچلەردىن بولۇشى؛ تەرەققىياتنى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇشى؛ مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلەردىن بولۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا بىر - بىرىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويىدىغان تۈرلۈك ھەمكارلىق تەدبىرلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەزەلدىن «قۇرۇق گەپ قىلغۇچى» بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي «ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغىچە، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغىچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىر قاتار مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ «فۇشىڭ ناملىق» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئوق پويىزىغا ئولتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

ئۈچىنچى، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلەش

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: قازان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپلىگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى ھەم يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئالاقىسىدىكى ئېسىل داستاننى داۋاملىق پۈتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىق»تىن ئىبارەت توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ چىقتى، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېلەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىغا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلدى، بۇ ھەم ئىككى تەرەپنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوشنا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدەك پارلاق توغرا يول ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىدا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. زۇڭلى مودى پائال ئاۋاز قوشتى ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى كونكرېت تەسەۋۋۇر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئىككى تەرەپ زىچ ئالاقە ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، كونكرېت ئىختىلاپلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويماي، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بولۇپ، بىردەك ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتى قازاندا قايتىدىن باشلىنىپ، قايتا ئاتلىنىپ، 2 مىليارد 800 مىليون جۇڭگو - ھىندىستان خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھەرقايسى تەرەپ رەھبەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ھەممىسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قىلچە تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلدى. نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە تۇتقان ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى ۋە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك دوست ۋە ھەمراھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ مۇھىم بولغان خەلقئارالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سەمىمىي، دوستانە ھەمتۈرتكە بولۇپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى.

ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولسىمۇ ئىرادىدىن تەۋرەنمەسلىك، دەھشەتلىك دولقۇندا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەمراھلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە داۋاملىق ئارزۇغا ئىنتىلىپ، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات ئىشلىرىدا قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە مۇجەسسەملەنگەن چوڭقۇر ئىدىيەنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكار بولغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىجادكارلىق روھى ئارقىلىق مۇرەككەپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئىچىدە ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدە ئەبەدىي ئەمىنلىك، ئورتاق گۈللىنىشنىڭ جاھاندىكى توغرا يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.