导航切换

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «<دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنى قانچە كۈچەيگەنسېرى، بىز شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىمىز كېرەك> − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە قازانغا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

日期:2024年10月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانشىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى «<دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنى قانچە كۈچەيگەنسېرى، بىز شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىمىز كېرەك> − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە قازانغا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، بەش ۋاقىت رايونىدىن ھالقىپ، 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى قازان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ باردى.

چۈشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ سالماق قەدەم بىلەن ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىقتى. يىراققا نەزەر سالغاندا، قىزغۇچ، سېرىق ۋە يېشىل رەڭلەر گىرەلەشكەن رەڭدار مەنزىرە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇ، 2013 - يىلىدىن بۇيان 10 - قېتىم رۇسىيە تۇپرىقىغا قەدەم قويۇشى، تۇنجى قېتىم قەدىمىي شەھەر قازانغا كېلىشى ئىدى.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تور سىرتىدا جەم بولدى. جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ۋاقتى» باشلاندى.

قازاندا 48 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئون نەچچە مەيدان ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت ئۆتكۈزدى. خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنداق خەۋەر قىلىندى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازان سەپىرىدىكى <ھەربىر قەدىمى> ئالاھىدە دىققەت ئېتىبار قوزغىدى».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەھبەرلەرنىڭ كىچىك دائىرىلىك، چوڭ دائىرىلىك يىغىنىدىن «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغىچە، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ كەلگۈسى يولىنى پىلانلاشتىن «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىق كۈچىنى زورايتىشقىچە، ھەربىر قېتىملىق ھەمراھلار ئارىسىدىكى ئازادە، چوڭقۇر سۆزلىشىشلەر، ھەربىر تۈرلۈك ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، كۆڭلىگە جاھاننى پۈكۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە، تەشەببۇسلار تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا ئۈمىد نۇرى بېغىشلىدى.

«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئورتاق ئىنتىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن. بىز بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياخشى ساقلاپ، ئومۇملۇق خاراكتېرىدىكى، يۆنىلىش خاراكتېرىدىكى، ئىستراتېگىيە خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى پىلانلاپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كوللېكتىپ قايتا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

دەريا - ئېقىنلار ئۆركەشلىمەكتە، يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىنماقتا. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازان سەپىرى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسى»نى پۈتۈپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: (1) يولغا چىقىپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى»گە يول باشلاش؛ (2) ھەمراھ بولۇپ، كاتتا كەيپىيات يارىتىش؛ (3) ۋەزىيەتنى تىزگىنلەپ، چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: قازان ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىر ئابزاس سۆز قىلدى: «ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، يېڭى ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، ھالقىلىق تاللاشقا دۇچ كەلدى. دۇنيانىڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇشىغا يول قويۇش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ تىنچ تەرەققىياتتىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكمۇ؟ مەن رۇسىيە يازغۇچىسى چېرنىشېۋىسكىنىڭ «قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن ئەسىرىنى ئويلاپ قالدىم، كىتابتىكى باش قەھرىماننىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقى، دەل بىز ھازىر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەنىۋى كۈچ».

«دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنى قانچە كۈچەيگەنسېرى، بىز شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولىدىغان جاسارەت، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش تەدبىرى ئارقىلىق، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى <يەرشارىنىڭ جەنۇبى>نىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق يول، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارت كۈچ قىلىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك».

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن كىشىلەر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ چوڭقۇر ئارزۇسى، جەسۇرانە روھى، كەڭ قورساق بولۇشتەك سالاپىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.