导航切换

ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك

日期:2024年10月28日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك

لى چياڭ 15 - قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ ئىش. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسى، مۇلازىمەت - كاپالەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، جەمئىيەت قاتنىشىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، جەمئىيەت ئىشلىرى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

15 - قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى يىغىنى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىد ۋە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئىشلىرى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇرىنى چاقناتتى، جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىنى نامايان قىلدى، ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشنى نامايان قىلدى، بۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئامما، مېيىپلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىياتى بىلەن ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش كېرەك. سىياسەت تۈزۈشتە، ئاممىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا، سىياسەتنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خىزمەتنىڭ جانلىقلىقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسەتنى قايتما ئىنكاس قىلىشتا، سىياسەتنى باھالاشنى ئەلالاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتىن پىكىر يۈرگۈزۈش، پىلانلاش، خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىستىل بىلەن ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۆكۈپ، خىزمەتنى كونكرېت تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، ئىشلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرىدىغان، ئىشلارنى ئالدىن كۆرىدىغان كۆزىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارنى ھەل قىلىش داۋامىدا خەلقنى كۆزلەش، خەلقنى سۆيۈشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئىشلەپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ھەم ئامما نۆۋەتتە يولۇققان غەم قىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەم خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭ سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە رايونلارغا ئايرىش، يەر - جاي ناملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر تەقدىرلەندى. شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، جياڭشى ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.