شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
دۆلەتنىڭ كۆپ خىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەنخۇي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك
10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئەنچىڭ تۇڭچېڭ شەھىرى ليۇچىشياڭ كوچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خېفېي بىڭخۇ ئىلىم ـ پەن شەھەرچىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، نەق مەيداندىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەنخۇي پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كۆپ خىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپلاشقان جاي، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش رايونى بەرپا قىلىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، گۈزەل ئەنخۇينى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەنخۇي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ يەنشۇن ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ چىڭشيەننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئەنچىڭ، خېفېي قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئەنچىڭ تۇڭچېڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ليۇچىشياڭ كوچىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داشۆشى جاڭ يىڭ بىلەن قوشنىسى ۋۇ ئائىلىسىنىڭ ئۆي ئۇلى سالغاندا بىر ـ بىرىگە ئۈچ چى يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش، بىر ـ بىرىگە يول قويۇشنىڭ ئۆرنىكى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ليۇچىشياڭ كوچىسىنىڭ تارىخى ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، «تۇڭچېڭ ئېقىمى»غا ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىياللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتا ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر باش شۇجىنى كۆرۈپ، بەس ـ بەستە چۆرىدىشىپ كەلدى. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ليۇچىشياڭ كوچىسىدا ئەجدادلارنىڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى تارىخىي ئەقىل ـ پاراسىتى نامايان قىلىنغان، ئۇنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تەربىيە ئورنى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يول قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ خېفېي بىنخۇ ئىلىم ـ پەن شەھەرچىسىگە كېلىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ھاياتلىق ـ ساغلاملىق قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ئالدىدا بىر ـ بىرلەپ قەدىمىنى توخىتىپ، تەپسىلىي كۆرۈپ، پات ـ پات زوقلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پەن ـ تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر يول. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ ئالغىلى، سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ، جەزمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تايانچلار، «ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس» دەيدىغان غەيرەت ـ شىجائەت بىلەن دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، قالتىس سەھىپە پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئەنخۇينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت تەجرىبىخانىسى ۋە خېفېي ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت ئىلىم ـ پەن مەركىزىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سىياسىتى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى ياخشى قوغداپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپ توپى بەرپا قىلىش كېرەك. كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ـ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى تۈزەشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىجادىي خاراكتېرلىك، پەرقلىق ئىسلاھاتنى دادىل قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆلكە رايونى ئىچىدىكى رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار قەد كۆتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىچكى ـ تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تاشقى سودا يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋى ئاشلىق كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جياڭخۇەي ئاشلىق ئامبىرى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىش كېرەك. 2 ـ نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. خاس، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەردىكى خەلقنى بېيىتىش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە دائىملىق يار ـ يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ يېزىلارنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى ھەم ساياھەت قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەنت، ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەرنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سەرخىل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىلچە بوشاشماي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام، قائىدىنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، كادىرلاردىكى قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئىشنى ياخشى قىلالماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 4 ـ پەسىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.