شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىپوماۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان قوشنا دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى پىرىنسىپ ۋە ئورتاق تونۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىجادىي، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شىپوماۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغداپ، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.