شىنخۇا ئاگېنتلىقى «<ۋەتەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

日期:2024年09月29日
来源:天山网
【字体:


ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانشىنخۇا ئاگېنتلىقى 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى «<ۋەتەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، خۇاشيا زېمىنىنىڭ تاغ ـ دەريالىرى كۆركەم، گۈزەل تۈسكە كىردى، تۈرلۈك ـ تۈمەن گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، مول ھوسۇلدىن دېرەك بەردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 75 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

ۋەتەننى سۆيۈش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى گېنى، ئۇ، خۇاشيا زېمىنىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى ۋەتەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كەڭ مەنزىلىنى ئاچتى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش − «ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللەت روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى مەنىۋى رىشتە»؛ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىش − «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ روشەن باش تېمىسى»؛ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش − «يېڭى دەۋر دۆلەت، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق»؛ چوڭ دۆلەت قىياپىتىنى نامايان قىلىش − «ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، جەزمەن مەۋقەنى مىللەتكە قويۇش ھەم دۇنياغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.

قىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ ـ دەريالىرى ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش − بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، ئىستىقبالى پارلاق، ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى باي ـ كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان نەتىجە ۋە شان ـ شەرەپنى يارىتايلى!