شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قىسمەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

日期:2024年09月07日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ما جويەن، ۋاڭ پۇ) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سومالى زۇڭتۇڭى مەخمۇد بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - سومالى مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سومالىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. سومالى يېڭى جۇڭگو بىلەن بىرىنچى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى دۆلەت، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى. جۇڭگو تەرەپ سومالى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سومالى بىردەك دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئالغان. جۇڭگو تەرەپ سومالىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سومالىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سومالىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، سومالى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد - سودا، بېلىقچىلىق، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە خەلقئارانىڭ سومالىدىكى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە ماددىي ياردەم بېرىدۇ، سومالىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. سومالىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلانغانلىقىنى، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىگە رەسمىي ئەزا بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپ سومالى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

مەخمۇد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلار، جۈملىدىن تۈنۈگۈنكى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان قول تۇتۇشۇپ ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر ئافرىقا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، سومالى تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى چوقۇم قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئافرىقا ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سومالىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقى ھەم سومالىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سومالى خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، جۇڭگونى ئىشەنچلىك ۋە ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەمراھى ھەم دوستى دەپ بىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سومالى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن سومالى ئىككى تەرەپ رادىيو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارما جويەن، شيۇڭ لىن) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندا ئىشمېيېر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - بۇرۇندى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - بۇرۇندى مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان ھەقىقىي ھەمراھلارغا ۋە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغان ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى. جۇڭگو - بۇرۇندى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىمۇ ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىيات يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى، بۇ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - بۇرۇندى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندى تەرەپنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، بۇرۇندى تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. بۇرۇندىنىڭ 79 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ بۇرۇندى تەرەپ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئېندائىشمېيىر مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇلتۇر جۇڭگوغا كېلىپ چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ چوڭقۇر، گۈزەل تەسىراتقا ئىگە بولغانىدىم، گۈزەل، دوستانە جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، بۇرۇندى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى تامامەن قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق بىرقاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. بۇرۇندى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئورتاق قىممەت ۋە ئىدىيە ئاساسىدا ئورنىتىلغان. جۇڭگوغا ئوخشاشلا، بۇرۇندى ھۆكۈمىتىمۇ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇرۇندىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. بۇرۇندى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن بۇرۇندى ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى، ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى، قەھۋە پۇرچىقىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارما جويەن، جاۋ شۈ) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن لىبېرىيە زۇڭتۇڭى بوئاكەي بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - لىبېرىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - لىبېرىيە مۇناسىۋىتى دوستانە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لىبېرىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئېبولا يۇقۇمى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى، دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن قوشتى. جۇڭگو تەرەپ لىبېرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا بۇ قېتىمقى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ بوئاكەينىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، لىبېرىيە تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىبېرىيە تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەدەت بېرىپ، دېڭىز تىرانسپورتى، يېزا ئىگىلىكى، بايلىق ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن لىبېرىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئەزالىرى، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بوئاكەي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لىبېرىيەگە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۇل ئەسلىھە، سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپتە لىبېرىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. جۇڭگو لىبېرىيەنىڭ ھەقىقىي دوستى. مەن شۇنداق تەكىتلەيمەنكى، لىبېرىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ، لىبېرىيەنىڭمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن لىبېرىيە ئىككى تەرەپ دېڭىز تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، لى چۇنيۈ) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇرھان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سۇدان جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان ياخشى دوستلار. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئەنئەنىسى ۋە مۇستەھكەم ئۆزئارا ئىشىنىشىنى قەدىرلەيدۇ، سۇدان تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سۇدان ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، سۇداننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشىنى قوللايدۇ. سۇداننىڭ تىنچلىق، مۇقىملىقنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات يولىغا قايتىشىنى، خەلقنىڭ تىنچ - مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا دوستى سۇدان ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، سۇدان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىتنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

بۇرھان مۇنداق بىلدۈردى: سۇدان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن دوستانە ۋە مۇستەھكەم. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تۈرلۈك سورۇنلاردا سۇداننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى قوللاپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو سۇداندا نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇداننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. سۇدان خەلقى جۇڭگوغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. سۇدان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. سۇدان رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جاكارلىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ، سۇداننىڭ ئۇرۇش ئازاب - ئوقۇبىتىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. سۇدان جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىدار نەتىجىلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، شيۇڭ لىن) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ماداغاسقار زۇڭتۇڭى راجولىنا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ماداغاسقار مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماداغاسقار گەرچە دېڭىز - ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقلىرى بىر - بىرىنى چۈشىنىدۇ، يېقىن ئۆتىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 52 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر سەمىمىي، دوستانە بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈنسېرى كۈچەيدى. جۇڭگو تەرەپ ماداغاسقارنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ماداغاسقار تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شالغۇت شال تېخنىكىسى بويىچە ياردەم بېرىش تۈرىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، كۆك ئىقتىساد، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى، كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ماداغاسقاردىكى تەرەققىياتىنى قوللاپ، ماداغاسقار تەرەپنىڭ زامانىۋىلاشقان، يۇقىرى ساپالىق تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ. ياشلار، مەدەنىيەت، يەرلىك قاتارلىقلار بويىچە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماداغاسقار جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ماداغاسقار تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ماداغاسقار، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تۈردە چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

راجولىنا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، 50 نەچچە ئافرىقا دۆلىتى بېيجىڭدا جەم بولۇپ، تەرەققىيات يولى ۋە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى» ئېنىقكى ئافرىقىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئافرىقا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ. جۇڭگونىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىدا، ماداغاسقار شالغۇت شال تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ماداغاسقار تەرەپ قەتئىي تۈردە جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى، شۇنداقلا ماداغاسقار خەلقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماداغاسقار - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئافرىقا − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ماداغاسقار ئىككى تەرەپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، يۈەن رۇي) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گامبىيە زۇڭتۇڭى بارروۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - گامبىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - گامبىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدىكى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشى قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ياردەم بېرىپ قۇرغان ۋە ھەمكارلاشقان تۈرلەرنىڭ گامبىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق يېڭى تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو تەرەپ گامبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - گامبىيە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، گامبىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە گامبىيە تەرەپكە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىدۇ، گامبىيەدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ گامبىيەلىك ياشنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىپ، خەلقلەر رىشتىنىڭ تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گامبىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 15 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپ گامبىيە ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

بارروۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستانىلىقى، قىزغىنلىقى ۋە بېيجىڭنىڭ گۈزەللىكى، ئاۋاتلىقى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن. گامبىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. جۇڭگو تەرەپ ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن خەلقئارا يىغىن مەركىزى گامبىيە پايتەختىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ ھەمكارلاشقان تۈرلەر گامبىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشىغا ياردەم بەردى، تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جاكارلىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى» ئافرىقا − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، گامبىيە تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو ئەزەلدىن ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئىزچىل لەۋزىدە تۇرۇپ كەلدى. گامبىيە شۇنىڭغا ئىشنىدۇكى، جۇڭگو ئۈمىد ۋە كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. گامبىيە جۇڭگونىڭ سادىق دوستى بولۇشنى خالايدۇ. گامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گامبىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، ليۇ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭى توۋادېرا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئوتتۇرا ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى گەرچە دېڭىز - ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن باشتىن - ئاخىر قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەلبداش بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۇزاقتىن بۇيان قەتئىي قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ. ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ مەن بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جاكارلىغان يېڭى تەدبىرلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ كەسىپلەر بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى جۇڭگونىڭ ئافرىقا ھەمدە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇشنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، بۇ ھەم جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئافرىقا بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. دۆلىتىڭلارنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا تېخىمۇ بىخەتەر تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

توۋادېرا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن بېيجىڭدىن باشقا يەنە شەندۇڭ، چۇڭچىڭ ۋە تيەنجىنلەرنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىدىيە - تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ ئافرىقىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوينىغان يېتەكچىلىك رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىققا دائىر يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، قېزىلما بايلىق ئېنېرگىيەسى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق پىلانى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن، دۇڭ شۆ) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى كېر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو − جەنۇبىي سۇدان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەڭ ئاۋۋال جەنۇبىي سۇدان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 13 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىي ھەمكارلىشىش جۇڭگو − جەنۇبىي سۇدان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي رېڭى، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش جۇڭگو − جەنۇبىي سۇدان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى. ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو - جەنۇبىي سۇدان مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي سۇدان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىپ، مائارىپ، تېخنىكا قاتارلىق تۈرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، نېفىت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي سۇدان ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي سۇدان بىلەن بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي سۇداننىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جەنۇبىي سۇدان خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشىنى قوللايدۇ، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئۇزاق تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا داۋاملىق جەنۇبىي سۇدان تەرەپ ئۈچۈن ھەققانىي سۆز قىلىدۇ، جەنۇبىي سۇداننىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

كېر مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، بولۇپمۇ «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئېلان قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايمەن. جەنۇبىي سۇداننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا قوللاشنى ئاساس قىلىدۇ. جۇڭگو جەنۇبىي سۇداننىڭ ياخشى دوستى. جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە جەنۇبىي سۇداننىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى. جەنۇبىي سۇدان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جەنۇبىي سۇدان تىرىشىپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تىجارىتىگە بىخەتەر، ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.