شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年09月05日
来源:天山网
【字体:


9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا فايې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن فايې ۋە رەپىقىسى مارى بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارما جويەن، ۋاڭ جۈنلۇ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېنېگال دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش يولىدىكى دوستلار ۋە ھەمراھلار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىزچىل سەمىمىي دوستانە بولۇش، باراۋەر ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاشنى خالايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى داۋاملىق ئەۋەتىپ، سېنېگال تەرەپنىڭ سانائەت باغچە رايونى قۇرۇشىنى قوللاپ، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سېنېگال تەرەپنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو بىلەن سېنېگالنىڭ نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى بىر «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا» بولۇپ، خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن سېنېگال مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولغان ئالتە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مۇنبەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سەككىز چوڭ ھەرىكەت» ۋە «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. سېنېگال مۇنبەرنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى خالايدۇ.

فايې مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگوغا كېلىپ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ھەم جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، بىزگە جۇڭگونىڭ گۈزەللىكى ۋە دوستلۇقىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. سېنېگال بىلەن جۇڭگو 2016 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. سېنېگال - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، سېنېگالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. سېنېگال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سېنېگال - جۇڭگو دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، رەقەملەشتۈرۈش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، سېنېگال - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى دوستانە ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئەمەلىي - يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. سېنېگال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. سېنېگال تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىققا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - سېنېگال تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا فايې ۋە رەپىقىسى مارى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.