导航切换

شى جىنپىڭ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年09月04日
来源:天山网
【字体:


9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارجېڭ مىڭدا، يۈەن رۇي) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كېلەر يىلى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ دوستلۇق ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت، خەلقئارا ھەمكارلىقنى تۈۋرۈك قىلغان «بەش يۇلتۇزلۇق تەۋرەنمەس دوستلۇق» ھەمكارلىق رامكىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - زىمبابۋې تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىر - بىرىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ، بۇ، جۇڭگو - زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋې تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا ۋە قانۇنسىز جازالىشىغا قارشى تۇرىدۇ، زىمبابۋې تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋې تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سېلىنما، سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، زىمبابۋې ۋە ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋېدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋې تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك يەرشارىۋى تەشەببۇس ۋە تەكلىپلەرنى قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، زىمبابۋېنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، زىمبابۋې تەرەپ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر تاشقى سىياسەتنىڭ ئۇل تېشى قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپقا ئايلىنىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم سۇپا ۋە مېخانىزم بولۇپ، خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراققا ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدىلىك كاتتا يىغىن قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

منانگاگۋا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، مەن خۇنەن، شېنجېن ۋە نەنجىڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، چوڭقۇر مەدەت ۋە ئىلھام ئالدىم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن تېخنىكىسى ۋە كارخانىسى دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يەرشارىنىڭ جەنۇبى ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ زىمبابۋېنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىقى زىمبابۋې خەلقىگە بەخت يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى زىمبابۋې - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى نام كارتىلىرىنى بەرپا قىلدى. زىمبابۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىمبابۋېنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. زىمبابۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا زىمبابۋې ئۈچۈن ھەققانىي سۆز قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. زىمبابۋې تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدىكى تەۋرەنمەس يېقىن دوستى بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە زىمبابۋې - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىگە ئايلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى، جۇڭگوغا پېرسېيە مېۋىسى ئېكسپورت قىلىش، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - زىمبابۋې تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا منانگاگۋا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.