导航切换

​ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

日期:2024年09月01日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 17 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: قانداق ئادەم يېتىشتۈرۈش مائارىپتىكى باش مەسىلە. دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بۇ، مائارىپىمىزنىڭ جەزمەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن جەريانلىق ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك. بۇ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، شۇنداقلا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىز يېتىشتۈرىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى قانداق ئاساسىي ساپا ۋە روھىي ھالەتنى ھازىرلىشى كېرەك، ئۇلارنى قانداق يېتىشتۈرۈش كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە. بىرىنچى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بىز يېتىشتۈرگەن ئادەم جەزمەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىشقا ئىرادە باغلايدىغان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەت قەلبى، مىللەت روھى، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ھىمايە قىلىش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىرادە باغلاش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئەخلاق - پەزىلەتنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، بۇ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاساسىي لوگىكا. ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە، ئەخلاق - پەزىلەت ئارقىلىق ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئومۇمىي ئەخلاق ئارقىلىق ئاق كۆڭۈللۈكنى يېتىلدۈرۈش، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەت ئارقىلىق روھنى تاۋلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى پۇختا، ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ئىنتايىن كۆيۈمچان، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىك، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك كىشىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، بىلىمنى ئاشۇرۇش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بىلىم ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش ۋاقتىنى قەدىرلەپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ بىلىم ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى بېيىتىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، داۋلىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ يولىنى بىلىش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. بەشىنچى، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىنى چېنىقتۇرۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىدىغان روھىي ھالەت، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كىشىلىك ھايات پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قەيسەر ۋە قابىل بولۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئالتىنچى، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى جەزمەن ئەتراپلىق يېتىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن مائارىپ ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق ۋە يېتەرلىك تەسىس قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېستېتىكا ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسى، مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش، ئۇل مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك، پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بۇ نىشاننى چۆرىدەپ لايىھەلەش كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار بۇ نىشاننى چۆرىدەپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلار بۇ نىشاننى چۆرىدەپ ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىسىز بولغانلىكى ھەرقانداق ئۇسۇلنى قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دەرسلىك بىلىم تارقىتىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە بولۇپ، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىدىكى مۇھىم قورال. دەرسلىكتە ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، جۇڭگو ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپقا قويغان ئاساسىي تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە ئىجادىي نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.