كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

日期:2024年08月31日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

سەي چى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، لى شى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ياخشى باشلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئاخىرقى خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنىڭ چەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئېشىش مىقدارىنى توسۇش، ساقلانما مىقدارىنى تۈگىتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش، دادىل ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، پائال نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى، «پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقتى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى خۇلاسىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»، ياش كادىرلار، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلارنى ئىنتىزام بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈندىلىك تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشقا سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كادىرلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى گەنجيې، لى شۇلېي، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.