مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2024年08月30日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«چارە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى» ئاساس قىلىنغان، پارتىيە ئەزالىرى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، ئېھتىياتچان، پۇختا بولۇش، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزام بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمە چىقىرىلغان پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە ـ نىزام. «چارە»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، رولى گەۋدىلىك بولغان پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«چارە» جەمئىي 27 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆت جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئۇقۇمى ۋە ئۇسۇلى، پىرىنسىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ ئىككىنچى، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش، پارتىيەدىن چېكىنىشكە نەسىھەت قىلىش ۋە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى تەتبىقلاش ئەھۋالى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ھەم كېيىنكى ئىشلار ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى؛ ئۈچىنچى، بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللار، بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر ئىگىلەشكە تېگىشلىك سىياسەت، تەلەپ توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ تۆتىنچى، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ئىنتىزامى قاتارلىقلار بەلگىلەندى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىشنى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، «چارە»نى كەم ـ كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا «چارە»نىڭ روھىنى توغرا ئۆزلەشتۈرگۈزۈپ، «چارە»نىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىتىپ، «چارە»دىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. قاتتىق ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي تەدبىردە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى تەربىيەلەش، ئۆزگەرتىش، ئۆستۈرۈشكە قويۇپ، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، كەسكىن قانات يايدۇرۇشى كېرەك. سىياسەت، تەلەپنى ئىگىلەپ، تەرتىپنى قاتتىق ئادا قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل چىقىرىشى كېرەك. تۈزۈملەرنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش بىلەن پارتىيە ئىنتىزامى جازاسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «چارە»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.