مەنبە:خەلق گېزىتى
يەنە بىر يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پەسلى باشلاندى
ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر بەس-بەستە «ماھارەت» كۆرسىتىپ
يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزگىچە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتتى
پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا تولغان ئۆزەك ARدىن تارتىپ
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە سىمۋول قىلىنغان شاپتۇل چېچىكى دوك باھار بايرىمىلىق رەسىمگىچە
ھەر بىر پارچە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىجادىيلىق ۋە ئىللىقلىققا تولدى
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
يېڭىلىق ۋە سەمىمىيەت ھىدى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ
جامۇس داشۆ:
ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىچىدە «مەرۋايىت» بار
جامۇس داشۆ
جامۇس شەھىرىنىڭ گۈلى بولغان ئۆرۈك چېچىكىدىن ئىلھام ئېلىپ
لايىھەلىگەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەمراھ سوۋغىسى
-بۇلاپكا
بۇنىڭ مەنىسى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ
ئالقىنىدىكى مەرۋايىت
ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى «سەدەپ قۇلۇلىسىنى ئاچقۇچىلار»
جامۇس شەھىرىدە سىز بار، سىز «ئەتىۋارلىق سەدەپ قۇلۇلىسى»
سىرتقى شەكىل جەھەتتە، مەكتەپ تۇنجى قېتىم
قىزىل خىش شەكىللىك قۇتا ئىشلەتكەن بولۇپ
ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتنى قەدىرلەش
ياخشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ۋەتەننىڭ قەيىرى ئېھتىياجلىق بولسا
شۇ يەردىكى بىر پارچە خىش بولالايدۇ، دېگەن مەنىدە
شاڭخەي قاتناش داشۆسى:
«شىفىرلىق قۇلۇپ»، كىچىك كېچىلىك چىراغ، يۈك-تاق تەمتىكى
شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى
ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ «شىفىرلىق قۇلۇپ» سەپلەنگەن
چىشلىق چاقلىق ئايلانما دېسكىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىش كېرەك.
ئۇنىڭ شىفىرى «1896 ← 2024»
1896-يىلى قاتناش داشۆسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
2024-يىلى بولسا قاتناش داشۆسى يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىشىلىك ھاياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى
ئىسترېلكا 1896دىن باشلىنىپ سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىپ
2024كە كەلگەن ۋاقىتتا
قۇتا ئاندىن ئېچىلىدۇ
قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بىلەن بىللە
يەنە بىر كىچىك كېچىلىك چىراغمۇ ئەۋەتىلدى
ھەر بىر يېڭى ئوقۇغۇچى يەنە ئىختىيارىي ھالدا
يەتتە خىل يۈك-تاق ئاسقۇچىدىن بىر خىلىغا ئېرىشەلەيدۇ
بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى:
«ئۆزەك پەن-تېخنىكىسى»نى باش تېما قىلغان
بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا
يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا
«فوتو ئاپپارات ئىقتىدارى» ئېچىلىپ
قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ مۇقاۋىسى كۆرۈنۈش تاللاش رامكىسى ئىچىگە قويۇلۇپ
بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى AR بوشلۇقىغا كىرىسىز
مەكتەپ دەرۋازىسى ئېچىلىپ
«بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى سىزنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن خەتلەر كۆرۈنۈپ
سىزگە پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ
AR ئىككىلىك كودىنىڭ ئەتراپىدا
تۇتۇق رەڭلىك يوللۇق ھۈنەر-سەنئەت ئارقىلىق
6G、AI ،مەۋھۇم رېئاللىق قاتارلىق تېخنىكىلار نامايان قىلىنغان
بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى داشۆسى:
كاربون تالاسىدىن «توقۇلغان» قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
«قىلدەك ئىنچىكە، ھاڭگىرت پېيىدەك يېنىك»
پولات-تۆمۈردەك كۈچلۈك، ئالتۇندەك قىممەتلىك»
بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى داشۆسىنىڭ
كاربون تالالىق بىرىكمە ماتېرىيالدىن ياسالغان
قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ
قېلىنلىقى ئاران 0.2mm بولۇپ
قۇياش نۇرى ئاستىدا كۆرۈش بۇلۇڭىنى ئالماشتۇرسىڭىز
رەڭ ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندەك كۆرۈنىدۇ
كۈچلۈك سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن گۈزەللىكىگە ئىگە
مەكتەپ پەن تەتقىقات ئۆمىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ
كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ
ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇردى
چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىبىلەن «ئوخشاش پاسوندىكى»
بۇ كاربون تالالىق قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى
بىرلىكتە «ئاچايلى»
سۇجوۋ داشۆ:
تاۋخۇاۋۇ باھار بايرىمىلىق ياغاچ ئويما رەسىمى
سۇجوۋ داشۆنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا
سۇجوۋ داشۆنىڭ خاسلىقى بىلەن گۇسۇ (سۇجوۋ شەھىرىنىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى
قىزىقارلىق بىرلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق
جياڭنەننىڭ باغ-ئورمانلىرىنى ئاساس قىلغان گۈللۈك دېرىزە
ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سىمۋول قىلىنغان شاپتۇل ۋە نەشپۈت چېچەكلىرى
ئاساسلىق كۆرۈش سېزىمى بەلگىسى قىلىنغان
سۇجوۋنىڭ تاۋخۇاۋۇ باھار بايرىمىلىق ياغاچ ئويما رەسىمىنىڭ
«ئىجاد قىلىش»، «ئويۇش»، «بېسىش»
ئىش تەرتىپى ئۇستىلىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ
بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ باش تېمىسى كېڭەيتىلىپ ئارزۇ ئويۇلغان بولۇپ
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇڭۋۇدىكى
ئارزۇ سەپىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دۇڭۋۇ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھچى بولىدۇ
تيەنجىن داشۆ:
تاشئالما ئاساس، كىرەش قستۇرما قىلىندى
قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا قاتلانما لايىھە قوللىنىلغان
بىر تەرىپى زور تارىخىي شان-شەرەپ
بىر تەرىپى تيەنجىن داشۆنىڭ قوش مەكتەپ رايونىنىڭ قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم
داشۆنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتلىرى، قاتار كەتكەن تاشئالمىلار
تيەنجىن داشۆنىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە
يەنە قىزغىن ئارزۇ يوشۇرۇنغان
«كىرەش» قىستۇرۇلغان رەسىم رامكىسىمۇ ئەۋەتىلگەن
بۇ قىممەتلىك سوۋغات
تيەنجىن داشۆنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش-يۆلەش نۇقتىسى گەنسۇ داڭچاڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن
كىرەشنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل
سىزنىڭ ئىلىم ئېلىش يولىدا ئارزۇيىڭىزغا يېتىشىڭىزنى
«ئۆگىنىشىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى»، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتقاندىن كېيىن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز
بۇ مەكتەپ بىلەن تەڭ دۇنياغا كەلگەن دۆلەت مۇھەببىتى
كەلگۈسىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى پۇرسەت بىلىپ
ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز