− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، لى جيەنگۇاڭ، شيې ياخۇڭ
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قازاقىستان پايتەختى ئاستانا.
شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قىزىلبايراق ماركىلىق ئاپتوموبىل غايەت زور «سامرۇق» ھەيكىلى قويۇلغان دۆلەت مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارى يېنىدىن ئۆتتى، ئاپتوموبىلدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.
شۇ پەيتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ مېھمان كۈتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. مۇستەقىللىق سارىيىنىڭ دەرۋازىسى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى. دۆلەت بايراقلىرى لىق تىزىلغان كارىدوردىن ئۆتۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېفقا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ماڭدى.
تارىخنىڭ ماياتنىكى ئاستانا باشلىقلار يىغىنى ۋاقتىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
داۋالغۇپ تۇرغان 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، نوپۇسى تەخمىنەن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن پۈتۈن يەرشارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بۇ خەلقئارا تەشكىلات ئەنئەنىۋى خەلقئارا ئەندىزە توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك - تۈمەن ئارزۇلار ئىچىدە قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.
«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، بىز باشتىن - ئاخىر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئېسىل ئەنئەنىسى، باراۋەر بولۇش - ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق يولى، ئادىل، ھەققانىي بولغان قىممەت ئىنتىلىشى، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان كەڭ قورساقلىقتا چىڭ تۇردۇق.» 23 يىلدىن بۇيانقى قالتىس مۇساپىنى ئەسلىسەك، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم تارىخ چوڭ دولقۇنىنىڭ پەيتى ۋە ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا چىقىرىلغان.
دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆزىتىپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۆلچەرلەش. ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىدىكى پۇختا قەدەم يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيادىكى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى:
«بىز تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر <شاڭخەي روھى>دا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئۆز رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش، بەختلىك ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك».
ئىككى پارچە كوللېكتىپ سۈرەت:
ھەمسەپەر ھەمراھلارنى تاللاش
بىر ھۆكۈم كىشىلەر قەلبىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانچە داۋالغۇش بولغانسېرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى شۇنچە پارلاق بولدى.
ئەسىر ئالمىشىش پەيتىگە نەزەر سالساق، «ئەينى چاغدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن قېپقالغان قارشىلىشىش ۋە بۆلۈنۈش تېخى تۈگىمىگەنىدى.» دۆلەت بىلەن دۆلەت قانداق قىلغاندا چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ؟ ھەمراھ بولۇپ تەرەققىي قىلىش كېرەكمۇ ياكى لاگېرلار ئارا قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالتە قوشنا دۆلەت تارىخىي تاللاش ئېلىپ باردى.
يېپيېڭى بىر خەلقئارا تەشكىلات، يېپيېڭى بىر خىل ئەندىزە ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. دولقۇن يېرىپ ئوڭۇشسىزلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى «پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتكەن زور ۋەقە» دەپ ئاتالدى.
كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئۆتمۈش، تېخىمۇ مۇھىمى يۈزبېرىۋاتقان تارىخ.
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر پارچە «ئائىلە سۈرىتى» تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سول تەرىپىدىكى يىراق بولمىغان جايدا، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتىدە نامايان بولدى.
ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24 - قېتىملىق يىغىنىدا، زۇڭتۇڭ توقايېف تۇنجى ئورۇنلاشتۇرۇش − «بېلارۇسىيەگە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنى بېرىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار قارارلارنى ئىمزالاش مۇراسىمى»نى ئېلان قىلدى. «پۈتۈن دۇنيانىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان قىزىقىشى ئاشماقتا» دېدى ئۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا.
يۇمىلاق ئۈستەل ئالدىدا چۆرىدەپ ئولتۇرغانلار تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشاش بولمىغان، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى. قەلەم قەغەز يۈزىدە تەكشى تەۋرىدى.
دەسلەپكى ئالتە ئەزا دۆلەت بار تەشكىلات بۈگۈنكى كۈندە بېلارۇسىيەنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئون ئەزا دۆلەت، ئىككى كۆزەتكۈچى دۆلەتكە، 14 سۆھبەتلىشىش ھەمراھىغا ئىگە بولدى. ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، كىشىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. يەتتە يىل ئىلگىرى، يەنىلا ئاستانىدا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولغانىدى. بۇلتۇر، ئىراننى ئەزا دۆلەت قىلىپ قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر ئۆچرەت بولۇپ تىزىلدى».
ھەربىر قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىش تاللاشنىڭ نەتىجىسى. قوبۇل قىلىشنى تاللاش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى؛ ئەزا بولۇشنى تاللاش ئىدىيەدىكى ئورتاقلىقتىن، بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشتىن دېرەك بەردى.
زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكو سۆزىدە «ئەزا بولۇش»تىكى خۇشاللىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر كەسكىن ھەم ئەتراپلىق ئويلىنىپ چىقىرىلغان قارار، بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا سىياسىيسىدىكى رولىنىڭ سىجىل كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى چارىنىڭ بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق».
ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ دۇنيادا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنىقكى بىر مۇقىم كۈچ. خۇددى بەزى ئوبزورلاردا ئېيتىلغاندەك، بەزى تەشكىلاتلارنىڭ كېڭىيىشىگە كۆپ ھاللاردا داۋالغۇش، ئەنسىزلىك ئەگىشىپ كەلگىنىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىغىمىنىڭ كېڭىيىشى تىنچ تەرەققىيات كۈچىنىڭ ئېشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«ئەزا دۆلەتلەر + 1» خەۋىرى بىلەن بىللە كەڭ تارقالغىنى، يەنە بىر «+» بەلگىسى بولۇپ، تۇنجى قېتىم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىر پارچە كوللېكتىپ سۈرەتمۇ چوقۇم تارىخ تەرىپىدىن ئەستە ساقلىنىدۇ. كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، رەئىس دۆلەتنىڭ مېھمان رەھبەرلىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى ھەم كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىڭ مەسئۇللىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يانمۇيان تۇردى. «ياخشى دوستلار، يېڭى ھەمراھلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھىم ئىشلارنى ئورتاق كېڭەشتۇق»، رەئىس شى جىنپىڭ بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىدىيەسىنىڭ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دوستلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».
ئورتاق ئىرادىلىكلەر تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىپ ئۆتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا 12 قېتىم قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بېكىتىلگەن «شاڭخەي روھى»نى تىلغا ئالدى، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. «<ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش> ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان <شاڭخەي روھى>» دەل بۇ ئىككى پارچە كوللېكتىپ سۈرەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىچكى سەۋەب.
«شاڭخەي روھى»نىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى نەدە؟ «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقان» پەيتتە، ئاچقۇچلۇقى بۇ ئۆزگىرىشكە ياخشى ماسلىشىدىغان «ئۆزگىرىشنى تونۇش ئەقىل - پاراسىتى، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش تەدبىرى، ئۆزگىرىش ياساش جاسارىتى» بولۇشى كېرەك. باشلىقلار يىغىنىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزى كىشىلەرنىڭ تارىخىي پەيتتىكى يەنە بىر قېتىملىق تاللىشىنى جانلىق نامايان قىلدى:
«بىز ھازىر بىر خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاساسى تەۋرىنىۋاتقان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز»؛
«دۇنيا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئىشەنچ، ھەققانىيەت ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەكرەك ئېھتىياجلىق»؛
«يەككە تەرەپلىك چەكلەشكە قارشى تۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك»؛
«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ جاراڭلىق سادا ياڭرىتىشى كېرەك ھەم چوقۇم ياڭرىتىدۇ»؛
«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈۋرۈكلەرنىڭ بىرى بولۇش رولى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە»؛
...
ۋاقىت ئېقىنىدا مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
تۇپراقنى يېرىپ بىخلانغان مەزگىلدە، ئەمدىلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تۇمانلىرىدىن قۇتۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان دۇنيا ئالدىدا، «شاڭخەي روھى» تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان كۈچلۈك ئورتاق سادانى ياڭراتتى؛ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان پەيتتە، يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرگەن دۇنيا ئالدىدا، «شاڭخەي روھى» ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، تەرەققىي قىلىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان كەڭ تەڭكەش سادانى ياڭراتتى.
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. «شاڭخەي روھى» ئاساس، روھ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى». «بۈگۈنكى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماس كەلگەن»، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا باھا بېرىپ ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق ئىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارقاتقان كوللېكتىپ سادا بىر خىل ئورتاق تاللاش ئەمەسمۇ؟
ئاستانا خىتابنامىسىدە، ئىتتىپاقلىشىپ دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇس، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پىرىنسىپى توغرىسىدىكى بايانات، ئۈچ پارچە قىممەتلىك نەتىجە ھۆججىتى بىر - بىرىنى چاقنىتىپ، «ئىتتىپاقلىشىش، بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىق، ھەمكارلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ئادىل بولۇش، زومىگەرلىك قىلماسلىق يېڭى دەۋر كۈچلۈك ساداسى»نى ئورتاق تارقاتتى.
تارىخىي يول پۈتۈنلەي تۈپتۈز ئەمەس، بەزىدە جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار بار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، پۈتۈنلەي جەسۇرانە روھقا تايانغاندا ئاندىن بۆسۈپ ئۆتكىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، <شاڭخەي روھى> بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا قوللاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، ئورتاق ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇ تەشكىلاتنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، روناق تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىشەنچلىك تايانچىسى قىلىپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك».
ئىككى ئۇل تاش:
ئورتاق ماكان قۇرۇش
تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۈرەش قىلغان، ھوسۇلغا ئېرىشكەن جاي، كىشىلەر دائىم ئىللىق «ماكان» دېگەن بىر سۆز ئارقىلىق ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراققا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇزاق يىللىق دوستلۇق ئېقىنىدا، يېڭى دەۋردە تۈرلۈك - تۈمەن قىياپەت نامايان بولدى. ئىككى تەرەپتە، «خۇددى تۇغقان يوقلىغانغا ئوخشاش، ئالاقە قويۇقلاشتى»؛ كۆپ تەرەپتە، رايون ھەمكارلىقى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەر تەرەپلىمە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «ماكان» «چوڭ ئائىلە»، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇشۇنداق سۈپەتلىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەۋەبلىك، كۆپچىلىك ھەرقايسى جايلاردىن كېلىپ بىر يەرگە جەم بولدى، كۆپىنچىسى كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن قەدىناس دوستلار ئىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، جۇڭگونى چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇشتىكى تۇنجى دۆلەت قىلغانىدى، بۇ قېتىم يەنە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئاستانىدا كۆرۈشۈپ، «رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. بۇلتۇر 5 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، مۇخبىر ھاياجانلانغان ھالدا زۇڭتۇڭ توقايېفقا «جۇغراپىيەلىك سىياسىي رېئاللىق ئالدىدا <مەڭگۈلۈك ھەمراھ> بولۇش ئاسان ئەمەس» دېگەندە، ئۇ قەتئىي ھالدا: «مېنىڭ ئىشەنچىم بار» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. بۇ قېتىم جۇڭگو - قازاقىستان دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇچرىشىپ، تەڭداشسىز بولغان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى، زۇڭتۇڭ توقايېف جۇڭگو تىلىدا قەلب ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە ئىزھار قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەمىمىي دوستلۇققا ئىگە بولۇش بارلىق بايلىققا ئىگە بولۇشتىن ئەلا.» بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان شىئەندە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ دۈشەنبىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى قول تۇتۇشۇپ ماڭدى، چۈنكى «ياخشى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.» بۇلتۇر بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانىدى، بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ تەقەززا بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، بۇ، كېلەر يىلى يەنە جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىش پۇرسىتىم بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»...
دوستلار بارغانسېرى يېقىن بولدى، قوشنىلار بارغانسېرى ئىناق بولدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، بۇ بىپايان چوڭ قۇرۇقلۇقتا، ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شان - شەرەپلەر گىرەلىشىپ، ئۆزگىرىشچان جۇشقۇن مېلودىيەلەر پۈتۈلدى. بىزنىڭ ماكانىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق ئالاقىلىشىش تارىخى بار، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەققىيات ۋەزىپىسى بار، شۇنداقلا زىچ باغلانغان ئىستىقبالى، تەقدىرى بار.
ئورتاق ماكاننى نېمىگە تايىنىپ قوغدايمىز؟ نېمىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز؟ يەنە نېمىگە تايىنىپ ئۇيۇشتۇرىمىز؟
گەرچە «ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىش»تىن «تەڭ ئىلگىرىلەش»كە قاراپ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، خەۋپسىزلىك بىلەن تەرەققىيات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن باشتىن - ئاخىر ئىككى پارچە ئۇل تاش بولۇپ كەلدى.
«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، بىز خەۋپسىزلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشىمىز كېرەك».
«<كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش>تەك رېئال خەۋپ - خەتەر ئالدىدا، بىز تەرەققىيات ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك».
«ئارىلىشىۋېلىش، بۆلگۈنچىلىك سېلىشتەك رېئال خىرىس ئالدىدا، بىز ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك».
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش ئورتاق ماكان ئۈچۈن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، تېخىمۇ مۇھىمى خەۋپسىزلىك ئۇلى بولغاچقا گۈللەندى.
ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، يەنە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە. «باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۆزلەشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ»، ئاستانا خىتابنامىسىدە روشەن مەيدان ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«كاپالەت قانچە كۆپ بولسا، ئىشەنچ شۇنچە كۆپ بولىدۇ»، باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى بولغان جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ، چىگىش خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، تەڭ نەپ ئېلىش تەپەككۇرى ئارقىلىق چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان خەلقئارا ئەندىزىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى ھەم ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئاپپاراتلار، زەھەر چەكلەش مەركىزى قاتارلىقلارنى تېز قۇرۇش كېرەك. ھەربىر ئىشتا «ھەرقايسى دۆلەتلەر خەۋپسىز بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي خەۋپسىزلىك ئىشقا ئاشىدۇ» دېگەن مەزمۇن كۆزدە تۇتۇلغان.
ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئورتاق ماكان ئۈچۈن.
11 يىل ئىلگىرى، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى مۇشۇ يەردىن باشلانغانىدى، بۇنىڭ بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي يۆگىمە رەسىم يېيىلدى.
بۇ قېتىم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى» يەنە بىر قېتىم جەم بولغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئاستانا خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، ھەربىر دۆلەت دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھېكايىسىنى بايان قىلدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» نۇرغۇن سودا «چوڭ تومۇر»ىنى تۇتاشتۇردى، سانسىزلىغان قاتناشقۇچى، قۇرغۇچى تاغ - داۋانلاردىن ھالقىدى، تاغ - دەريالارنى كەزدى، بىپايان قۇملۇققا نەزەر تاشلاپ، چىمىرلاپ تۇرغان ئاي - يۇلتۇزلارنى كۆردى؛ كۆز يەتكۈسىز دېڭىزغا نەزەر تاشلاپ، بۇلۇتقا تاقاشقان يەلكەنلەرنى كۆردى. سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق سودا... ئاسمانغا چىقىپ، يەرگە كىرىپ، دەريا - دېڭىزلارغا تۇتاشتۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، ئورتاق ماكاننى تۇتاشتۇردى.
ئىقتىساد ھەجمى ئوخشاش ئەمەس، تەرەققىيات سەۋىيەسى ھەر خىل بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ھەمىشە ھەمكارلىشىدىغان بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ، تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ گۇمانىي سوئالى ئالدىدا، چەت ئەللىك بىر سىياسىي ئەرباب مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلدى: «يالغۇز قىلغان ئىش تېز بولىدۇ، ئەمما ئۇزاققا بارمايدۇ، كۆپچىلىك قىلغان ئىش پۇختا بولىدۇ، ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، جۇڭگو <كۆپچىلىك قىلغان ئىش پۇختا بولىدۇ، ئۇزاق داۋاملىشىدۇ> دېگەن يولنى تاللىدى».
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، نۇرغۇن دۆلەت رەھبىرى جۇڭگونىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئېنېرگىيە توپلانغان جايلارمۇ يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلدى. بەزىلىرى جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى شۇ جايدا زاۋۇت قۇرۇپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى، بەزىلىرى جۇڭگونىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېشىل تۈرلىرىنى كىرگۈزدى، ئۇلار قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، «تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالدى».
يەنە نۇرغۇن دۆلەت رەھبىرى جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تۈرى ئۈستىدە توختالدى. ئۈچ يىل ئىلگىرىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەش 1000 سانى بىلەن تەمىنلەش تۈرىنى جاكارلىغانىدى، بۇ يىل دەل ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىدىغان ۋاقىت كەلدى. سۇ تېجەپ سۇغىرىش، قۇم - بوراننى تىزگىنلەش، كۆۋرۈك سېلىپ يول ياساش، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»، «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» تەجرىبە - تەدبىرلىرى بىپايان مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتقان پەيتتە، كىشىلەر «<بىر بەلباغ، بىر يول>نىڭ شوئار ۋە رىۋايەت ئەمەسلىكى»نى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
ئورتاق ماكان قوشنا بولۇپ ئولتۇراقلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ۋاسىتىنى تايانچ قىلىپ، مەنپەئەتكە چېتىشلىق بولغان خەۋپسىزلىك ۋاسىتىسى ۋە ئىقتىسادىي ۋاسىتىدە پىشىپ يېتىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخىي مەدەنىيەت ۋاسىتىسىدە يىلتىز تارتتى. «ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ، خاتىرجەم بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان» ئورتاق ماكان قۇرۇشتا، جۇڭگو لايىھەسى داغدام يولدا ماڭدى، كىشىلەر قەلبىگە ياقتى.
ئىككى ئۆلچەم :
باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان كۈچ
2013 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 12 قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا نەزەر سالساق، باشتىن - ئاخىر بىردەك بولغان كۆڭۈل بۆلۈشكە يەنە غايەت زور ئۆزگىرىش مۇجەسسەملەنگەن: بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ئۈمىدكە تولغان تېخىمۇ كۆپ نەزەرىنى جۇڭگوغا ئاغدۇردى.
بىر خىش بىر كاھىشتىن قوپۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شاڭخەي بەش دۆلەت مېخانىزمى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا زورىيىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
مۇشۇ پەيتتە، نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەندە، قانداق قىلغاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، روناق تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىشەنچلىك تايانچىسى قىلىپ بەرپا قىلغىلى بولىدۇ»، قانداق قىلغاندا يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، جۇڭگودىن زور ئۈمىد كۈتۈلدى.
ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۆلچەم «جۇڭگونىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»نىڭ يېڭى دەۋردىكى مەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
بىرى بوشلۇق ئۆلچىمى بولۇپ، بىرنەچچە خەلقئارا تەشكىلات تېخىمۇ چوڭقۇر گىرەلىشىپ ئۈستىلىنىپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىلتىماس - تەلەپنى جانلىق يورۇتماقتا.
مەسىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى. 2023 - يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى» توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىشى دۇنياغا «كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش»نىڭ روشەن ئۇچۇرىنى تارقاتتى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يەنە مەيدانىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق ئىزاھلىدى: «مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ».
يەنە بىرى، ۋاقىت ئۆلچىمى بولۇپ، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە چوڭ ئىش جۇڭگودا ئۇدا ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى تەمكىنلىكى ۋە پۇختىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى. «تارىخ جاۋابى»دىن «دەۋر جاۋابى»غىچە، خەلقئارا ئەندىزە ئۆزگەرمەكتە، ئۆزگەرمىگىنى جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىشى، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىشى بولدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، جۇڭگو پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، كۆپ دۆلەت رەھبىرى بۇ ھەقتە مۇنداق تىلىكىنى بىلدۈردى: «ئومۇمىي يىغىننىڭ زور ئىسلاھات پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» «ئىسلاھات جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە مەلۇم مەنىدىن دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ»...
«بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، يەنى خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.» خەلقئارا سورۇنلاردا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ نىشان ئىنتىلىشىنى كۆپ قېتىم بايان قىلدى.
پۇرسەت جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە بارلىققا كەلدى.
ئىلگىرىكى نامرات، ئاجىز بىر دۆلەت غەربنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى، بۇ، باشقا دۆلەتلەرنى مول ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار»دىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان جۇڭگو ئۆزئارا قوللاپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتەك كەڭ قورساقلىققا ئىگە.
ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قايىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، سىزنىڭ دانا ۋە مول يىراقنى كۆرەر رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇن خىرىس ۋە تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئىشەنچ بىلەن ئىجادىي تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. جۇڭگو دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى».
زۇڭتۇڭ راخمان قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ مىننەتدار ۋە قايىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشى ۋە دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.» «رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى چوڭقۇر تارىخىي ئېنىق كۆزقاراشقا ۋە كەڭ يەرشارىۋى نەزەر دائىرىگە ئىگە ئۇلۇغ رەھبەر بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن يەرشارىۋى تەشەببۇسلىرى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق».
بۇ يىللاردا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس قاتارلىق جۇڭگو لايىھەسى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇلار بىپايان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت نەزەردە تۇتۇلغان، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا يۈزلىنىپ بەرگەن ياڭراق جاۋابى بولۇپ قالدى.
2018 - يىلىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئورتاق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش» نەتىجە خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»نى تەكىتلىدى. دۆلەتلەر ئارا، رايون دائىرىسىدە، ئاندىن پۈتۈن يەرشارىدا، ئاساس پۇختىلىنىپ، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىلىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قاتلىمى كۈنسېرى بېيىتىلدى.
باش كاتىپ گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، پاراخوتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».
تەقدىرداش چوڭ پاراخوتتا، جۇڭگو قانداق رول ئوينايدۇ؟ «ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ناھايىتى زور دەرىجىدە جۇڭگوغا باغلىق.» گۇتېررېس شۇنداق جاۋاب بەردى.
ۋاقىت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو قەدەمنى پۇختا باسىدۇ، توغرا يولدا ماڭىدۇ، ئادىل گەپ قىلىدۇ، ئادىل ئىش قىلىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا، مەيلى خەۋپسىزلىك قارالمىسى ياكى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلە بولسۇن، مەيلى رايون توقۇنۇشى ياكى خەلقئارا ئىشلاردا بولسۇن، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى... نۇرغۇن دۆلەت بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانىمىز جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى بىلەن ئوخشاش ھەم ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايمىز.
جاھاندىكى داغدام يولدا جۇڭگو باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭدى. «ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك»، داغدام توغرا يولدا ياڭرىغان بۇ جۇڭگو ساداسى − مەۋقە تارىخىي تەجرىبە - ساۋاقلارغا قويۇلغان چوڭقۇر ئويلىنىش، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى جۇڭگو لايىھەسى.
بۈگۈنكى كۈندە، ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى بېسىپ كەلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈك - باراقسان ئاينىپ، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا قاراپ ئۆسمەكتە.
«جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتتىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، <شاڭخەي روھى>نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى قەتئىي بولدى.
تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇشۇ جايدىن يەنە يولغا چىقتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)