导航切换

G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى قۇرۇلۇشىدىكى «مۇھىم قورال»: «ئونسۇ» ناملىق قاتتىق جىنىسلارنى قېزىش ماشىنىسى غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

日期:2024年07月08日
来源:天山网
【字体:

مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىردوۋ شىڭجۈنخەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو قاتناش 1-تاشيول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان دۇنيا بويىچە كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى ئەڭ چوڭقۇر بولغان چوڭ كەسمە يۈز تاشيول تونېلى، دۆلەت ئىچىدىكى مۇزلۇقنى ئۇدۇل كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى تاشيول تونېلىشىنجاڭ غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى «ئونسۇ» ناملىق پۈتۈن كەسمە يۈزلۈك قاتتىق جىنىسلارنى قېزىش ماشىنىسى (TBM) ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى، بۇ، تونېل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


7-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى «ئونسۇ» ناملىق پۈتۈن كەسمە يۈزلۈك قاتتىق جىنىسلارنى قېزىش ماشىنىسى (TBM) يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دوۋ شىڭجۈن فوتوسى

G219 لىنىيەسىنىڭ موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى تۈرىدىكى كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15.7 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر كۆمۈلگەن يېرى 2365 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا تىيانشان تاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ تونېل ئېگىز ھەم سوغۇق، يۇقىرى كەڭلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسى يۇقىرى بولغان غەربىي تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولغاچقا، تونېل ئورنى رايونى يىل بويى قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ئەڭ سوغۇق ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنۆلدىن تۆۋەن 23 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى.


7-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى «ئونسۇ» ناملىق پۈتۈن كەسمە يۈزلۈك قاتتىق جىنىسلارنى قېزىش ماشىنىسى (TBM) يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىدوۋ شىڭجۈنفوتوسى

جۇڭگو قاتناش 1-تاشيول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى غەربىي تىيانشان تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى 8850 مېتىر تونېل ھەمدە 40 سۈڭگۈچ، سەككىز كۆۋرۈك، 15.7 كىلومېتىر يول ئۇلى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل. جۇڭگو قاتناش 1-تاشيول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى EPC2 بۆلەك تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى دى شۆجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو قاتناش گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ TBM ماشىنىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1800 توننا، دىئامېتىرى 8.83 مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە تىيانشاننى كېسىپ ئۆتىدىغان دىئامېتىرى ئەڭ چوڭ TBM، شۇنداقلا ئوخشاش دەرىجىدىكى تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار TBMلارنىڭ بىرى.

«ئونسۇ» ناملىق TBM ئەنئەنىۋى TBM نىڭ بارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ قالماي، يەنە يېتەكلەش خاراكتېرلىك گېئولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات بېرىش سىستېمىسى، CFC ئالدىن سۇ تەكشۈرۈش سىستېمىسى، يېتەكلەش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش بۇرغىلاش ماشىنىسى، چوڭ تىپتىكى سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسى ۋە SHP تاغ جىنسلىرىنىڭ پارتلىشىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ئىقتىدارى كۆپەيتىلدى. بۇ تېخنىكىلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى تونېل قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇھىت قوغداشچانلىقى، سۈپىتى ۋە قېزىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


شىنجاڭ غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ «ئاساسىي سۈڭگۈچ + يان تەكشى باش سۈڭگۈچ» قۇرۇلۇش تېخنىكا لايىھەسى خەرىتىسى

تونېل قۇرۇلۇشى، ئىشلىتىلىش مەزگىلىدىكى شامال ئۆتۈشتۈرۈش، ئىس چىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، غەربىي تىيانشان ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىدا يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك «ئاساسىي سۈڭگۈچ + يان تەكشى باش سۈڭگۈچ» قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قوللىنىلدى. بۇ دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم يان تەكشى باش سۈڭگۈچ شامال ئۆتۈشۈش قۇدۇقى قىلىنغان، 10 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك تاشيول تونىلى. بۇ تېخنىكا TBMنىڭ يېتەكلەش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، توغرا يولنى مۇۋاپىق ئېچىپ، ئۇدۇل سۈڭگۈچنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «ئۇزۇن تونېلنى قىسقا ۋاقىتتا قېزىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تونېلنىڭ تېز قېزىلىشىنى كۈچلۈك مەدەتكە ئىگە قىلىدۇ.


7-ئاينىڭ 3-كۈنى، G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى ئونسۇ ناھىيەسى تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىدوۋ شىڭجۈنفوتوسى

موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تاشيولى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن ئاقسۇ شەھىرىگىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى ھازىرقى 1710 كىلومېتىردىن 500 كىلومېتىرغا قىسقىرايدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.