شى جىنپىڭ ئىراننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پېزېشكيانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年07月07日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەسئۇد پېزېشكيانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. چىگىش، مۇرەككەپ رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئىران باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللاپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ ھەم رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ئىران خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەشنى خالايمەن.